تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش: قۇياش نۇرىنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە چاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا

مائارىپ نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇشتىكى تۈپ تەدبىر، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاچقۇچى. ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش بىلەن تولۇق قاپلاش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالەت تورىنى زىچ، پۇختا توقۇدى، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، بارغانسېرى كۆپ نامرات ئوقۇغۇچى ئوقۇشنى تاماملاپ، «ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش»تىن «ياخشى ئوقۇش»قا ئاتلاندى، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا.

تەكشى تەرەققىي قىلىش ئوقۇش سۈپەتلىك بولۇش

6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى لىشۈي باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىرگىنىمدە، 4 - يىللىقنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى شيا يىڭجيې يۈرۈشلەشكەن سىنىپ ئارقىلىق بالىلارغا «لومنى سۈركەپ يىڭنە قىلىش» دېگەن تېكىستنى ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، ئۈن - سىن ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، خەت، سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.

لىشۈي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، گەرچە چەت، يىراققا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن شۇ جايدىكى تور ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدا ئوقۇغۇچىلار مول ئۆگىنىش بايلىقىغا ئىگە بولدى. بۇ جايدا بالىلار بۇلۇت سۇپىسى ئارقىلىق، نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى جېجياڭنىڭ لىشۈي شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئوخشاش بىر دەرسنى ئاڭلىيالايدۇ، «بوشلۇق دەرسخانىسى» ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ماس قەدەمدە ئوقۇتۇش - تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرالايدۇ.

كەڭ بەلباغلىق تور ھەممە مەكتەپلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى، ئەلا سۈپەتلىك بايلىق ھەممە سىنىپلارغا يەتكۈزۈلدى، بۇلۇت دەرسخانىسىدىن ھەممەيلەن بەھرىلەندى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، توقسۇ ناھىيەسى ئىلگىر - كېيىن بولۇپ 64 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغ ئۇلىدى، رادىيو سىستېمىسى ئورناتتى، يېزا مەكتەپلىرىنى ئوقۇتۇش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بۇلتۇردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى 180 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ مائارىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، مەكتەپلەرنى يېڭىدىن قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش ئارقىلىق، 1890 ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى» دېدى توقسۇ ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن - تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو چياڭ. توقسۇ ناھىيەسى مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئورتاق تونۇشىنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، مائارىپنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۇللۇق، باشلامچى خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك رولىنى گەۋدىلەندۈردى.

مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش پەقەت شەھەر بىلەن يېزا مائارىپىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىشتىكى بىر كىچىك قەدەم، مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتى يەنە ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش قاتارلىق يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ نامايان بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى، سانجى شەھىرى مائارىپ گۇرۇھى شەھەر - يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئىتتىپاق بويىچە باغلاپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىدىيە يەتكۈزۈپ، ئوقۇتۇش يەتكۈزۈپ، باشقۇرۇش يەتكۈزۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەكتەپلەر ئارقىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرگە تۈرتكە بولۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

«مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئىدىيەسى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نەتىجە - ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ھارارەتكە ئىگە قىلدى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش جاۋاب قەغىزى تېخىمۇ قېلىن بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز نامرات رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چوڭ سىنىپلارنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، يېزا - بازارلاردىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ ۋە يېزا - كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى سۈپىتىنى مۇقىم ئۆستۈردى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئوقۇش ئارقىلىق ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇش

لوپ ناھىيەسى مىنلې گىلەم ئىمپورت - ئېكسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ 21 ياشلىق گىلەم لايىھەلىگۈچىسى مېھرىنىسا مەمتىمىن ئوچۇق - يورۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ، خىزمەت قىلغاندا قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدۇ. ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۇ كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

مېھرىنىسا لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى باش ئېرىق كەنتىدىكى بىر نامرات ئائىلىدىن كەلگەن بولۇپ، لوپ ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ گىلەم توقۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن. 2018 - يىلى، پىراكتىكا مەزگىلىدە، ئۇ بىر شىركەت بىلەن توختاملاشتى. مېھرىنىسا تۇرۇشلۇق بۇ شىركەت ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا ئىدى. ئۇ بۇ يەردىكى خىزمىتىنى ئىنتايىن قەدىرلىدى.

«بىر ئايدا 3500 يۈەن ئالىمەن، مېنىڭ كىرىمىم ئائىلىمىز بويىچە ئەڭ يۇقىرى.» ئائىلە ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئەسلىي مەقسىتىدىن بۈگۈنگىچە، مېھرىنىسانىڭ ئارزۇسىغا يەنە يېڭى مەزمۇن قوشۇلدى: ئۇ بولسىمۇ كەلگۈسى بىرنەچچە يىلدا ئۇ لايىھەلىگەن گىلەملەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىشى ئىدى.

كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق بىر ئادەم تەربىيەلىنىپ، بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، بىر ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز «ھەممە ئادەم ئۆگىنەلەيدىغان، ھەممىسى ماھارەت بىلىدىغان، ھەممە ئائىلىگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان» مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ «نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىشى»غا كۈچ قوشتى. ئاپتونوم رايون دىققەتنى نامرات رايونلار، نامرات نوپۇسلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار كەسپىي مائارىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىكى رولىنى گەۋدىلەندۈردى.

ئۇنىڭدىن باشقا، كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»كە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئون ئۆلكە، شەھەردىكى 124 كەسپىي مەكتەپنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كەسپىي مەكتەپلەرگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشىنى ماسلاشتۇرۇپ، رايون ئىچىدىكى ئوقۇتۇشى ياخشى 25 مەكتەپنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىش - يۆلەشكە تەشكىللەپ، «ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش» ۋە «ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش» بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەسپىي مائارىپنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

دەل جايىدا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئوقۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش

«بالىلار مەكتەپكە بارسا ياردەم پۇلى بار، بىزمۇ غەيرەتكە كېلىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، بالىلارغا ياخشى ئۈلگە تىكلىشىمىز كېرەك.» دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم سىياسىتىنى تىلغا ئالغاندا، ئاقچى ناھىيەسى قارا بۇلاق يېزىسى مەركەچ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابۇلغازى مەمەتجۈمەنىڭ مىننەتدارلىقى تولۇپ تاشىدۇ.

ئابۇلغازى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇقىم كىرىمى يوق، ئىككى بالىسى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولغاچقا، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى بىر قەدەر ئېغىر ئىدى. بۇلتۇر مەكتەپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئاچا - ئىنى ئىككىيلەنگە «دەل جايىدا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ»، قەرەللىك ھالدا ئۇلارغا نامرات ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلەتتى.

«بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالدۇرماسلىق» پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدە. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدىن ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىغىچە، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى، پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگىچە، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغىچە «ئۈچنى تولۇق قاپلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەنە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە مەكتەپتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىكنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، «دەل جايىدا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش» ئىدىيەسى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار، يېتىم، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەردىكى پەرزەنتلەر قاتارلىق يەتتە تۈردىكى كىشىلەر توپى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 7 مىليارد 620 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان، بۇ، 4 مىليون 806 مىڭ ئادەم قېتىم ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزگەن.

ئىستېرېئولاشقان ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى نامرات ئائىلىلەردىكى پەرزەنتلەرنى ياخشى ئوقۇش، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ئاتا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى