تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك يولغا قويۇش كېرەك

ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك يولغا قويۇش كېرەك

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ۋاڭ ياڭ قەشقەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر لىن خۈي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، ۋاڭ ياڭ بايىنغولىن، خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، بىڭتۇەن 3 - شى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا، تۇەن - چاڭ، دىنىي سورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم خىزمەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بولغان چۈشىنىشى ۋە تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەدبىرلىرى ۋە ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن جاپالىق، ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئەلالاشقان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەت، دىن خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداپ، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەپ، ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېغىر نامراتلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا بىرمۇ مىللەتنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىڭتۇەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك كۈچ. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، ھەقىقىي تۈردە مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت مەدىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننى چېگرا رايوننى تىنچلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچقا، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى چوڭ پېچقا، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى جۈن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېڭ لىخۇا، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى سۇڭ لياڭ ھەمراھ بولۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتى ياكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.