تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى بەش ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا بازار سۇبيېكتلىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.9 ئاشتى  ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىي بار بولغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 1 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، كارخانا 382 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.7 ئاشقان؛ يەككە سودا - سانائەتچى 1 مىليون 534 مىڭ 100 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %13.2 ئاشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گاۋ جيەندۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭىدىن تىزىملانغان بازار سۇبيېكتىنىڭ سانى مۇقىم ئېشىپ، ساھە جانلىنىپ، ئىشەنچ ئۇرغۇپ، بازار كۈچى جۇغلىنىپ، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل 2 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا ئائىت 16 تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش، مەمۇرىي ئىجازەت، رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت، كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى بازار سۇبيېكتلىرىنى قولايلىق رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش بىلەن تەمىنلەپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىغا «توردا پۈتۈن جەريانلىق بېجىرىش، ئالدىن كېلىشىپ تېز بېجىرىش» تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش مۇلازىمىتى قىلدى ھەم پوچتىدىن قەغەز نۇسخىدىكى تىجارەت كىنىشكىسىنى ئەۋەتىپ بەردى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت تەرتىپىنى ئىخچاملاپ، ئىجازەت مۇددىتى توشۇپ قالغان مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۆزى ئۈستىدە چۈشەنچە بېرىش، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ۋەدە بېرىش ئارقىلىق ئەسلىدىكى ئىجازەت شەرتىگە ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەتنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە دەل جايىدا كۈچ قوشۇش»نى باش تېما قىلغان مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتى ساھەسىگە ئاساسەن، مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى مۇلازىمەت ئەترىتى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش مۇلازىمەت ئەترىتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت ئەترىتى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمەت ئەترىتى، قانۇن ئىجرا قىلىش - نازارەت قىلىش مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، بىر كارخانىغا بىر سىياسەت بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، 195 نۇقتىلىق كارخانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇقتىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى نەق مەيداندا ھەل قىلدى.

بۇ يىل 3 - ئايدا، ئاپتونوم رايون «يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، مۇقىم تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ھەم تەربىيەلىنىش ھەققى، تىجارەتتىن توختىتىلغان ئاپتوموبىللارنى باشقۇرۇش ھەققى، ئۆي ئىجارە ھەققى، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققى قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك ھەقتىن جەمئىي 1 مىليارد 956 مىليون يۈەننى كەچۈرۈم قىلدى، كارخانىلارنىڭ 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ھەققىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى، كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ئۈچۈن 28 مىليون يۈەن قەرز پۇل ئېلىشىغا ياردەم بەردى.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق ئىجازەت مۇھىتى، رىقابەتلىشىش مۇھىتى، ئىستېمال مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك تېز سۈرئەتنى يارىتىپ، <ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى> ۋە <بىر سۇپا>دا رويخەتكە ئېلىش، <بىر كۆزنەك>تە بېجىرىش، <بىر تور>دا ئىش بېجىرىش، <قاترىماي> كىنىشكا ئېلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تەستىقلاش تەرتىپى، تەستىقلاش ۋاقتى، تەستىقلاش تەننەرخىنى ھەقىقىي ئازايتىپ، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئىخچام مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى گاۋ جيەندۇڭ.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ جەمئىي ساتقان توك مىقدارى 52 مىليارد 983 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.09 ئاشقان.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا پۈتۈن ساھەلەرنىڭ ئىشلەتكەن توكى 47 مىليارد 762 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئومۇمىي ئىشلىتىلگەن توك مىقدارىنىڭ %90.15ىنى ئىگىلىگەن؛ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلەتكەن توكى 5 مىليارد 221 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئومۇمىي ئىشلەتكەن توك مىقدارىنىڭ %9.85ىنى ئىگىلىگەن.

ئالدىنقى بەش ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1 - كەسىپتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى تەخمىنەن 600 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، پۈتۈن ساھەدە ئىشلىتىلگەن توكنىڭ %1.25ىنى ئىگىلىگەن. 2 - كەسىپتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 31 مىليارد 217 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، پۈتۈن ساھەدە ئىشلىتىلگەن توكنىڭ %65.36ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.63 تۆۋەنلىگەن، بۇ، ئاساسلىقى ھازىرقى يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ سىجىل يامرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قىسمەن ساھەلەرنىڭ بازار ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن بولغان، توقۇمىچىلىق، ئاليومىن تاۋلاش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتا توك ئىشلىتىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.

ئالدىنقى بەش ئايدا توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئەڭ چوڭ بولغىنى 3 - كەسىپ. 3 - كەسىپتە ئىشلىتىلگەن توك 15 مىليارد 948 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، پۈتۈن ساھەدە ئىشلىتىلگەن توكنىڭ %33.39ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.46 ئاشقان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەتچىلىكى ئاساسىي جەھەتتىن يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقتىن بولغان، «چوڭ سانلىق مەلۇمات» ۋە «بۇلۇت» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن توك ئىشلىتىش مىقدارى 3 مىليارد 628 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ 7.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

توك ئىشلىتىش تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تەمىنلەشنى ئاشۇرۇپ، سېتىشنى كېڭەيتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپنى كېڭەيتىشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى ئىخچاملاپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى كېڭەيتىش تۈرلىرىگە ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، جەمئىي 35 كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى نۇقتىلىق تۈردىن 19نى تاماملىغان، سىغىمى 1 مىليون 680 مىڭ كىلوۋولت - ئامپېرغا يەتكەن.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ سەپلىمە كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش توك سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى توك سېتىشتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئاھالىلەر تۇرمۇشى، سودا، يېمەك - ئىچمەك، مەكتەپلەردە پاكىز ئىسسىنىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سەپلەشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئالدىنقى بەش ئايدا 2 مىليارد 243 مىليون كىلوۋات سائەت سەپلىمە توك مىقدارىنى تاماملىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى