تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «ئاددىي پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزەيلى»

شۈ چىڭگۇاڭ

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەل ئارىسىدىن، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەردىن كەلگەن، يەرگە، يېزىلارغا يىلتىز تارتىپ، زامانلاردىن بۇيان كىشىلەر قەلبىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، كىچىك توپتىن خوشلىشىپ، ئاۋامغا يۈزلىنىپ، تارىخنى قوزغىتىپ، دەۋرگە سىڭىشكەندىلا، ئاندىن ھاياتلىق يېڭى شاخلىرى باراقسانلىشىپ، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ كەلگۈسىگە ئاتلانغىلى بولىدۇ.

«مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە رەڭ بەردى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ساغلام تۇرمۇشقا ۋارىسلىق قىلدى»نى باش تېما قىلىپ، تور سىرتىدىكى بىلەن توردىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، مۇشۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مول، ئاجايىپ گۈزەل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «ئاددىي پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزۈش»كە تۈرتكە بولۇش − «ئوردىلاردا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كەڭ تۇپراققا سېلىنغان مىراسلار، قەدىمكى كىتابلارغا پۈتۈلگەن يېزىقلارنىڭ ھەممىسىنى جانلاندۇرۇش» دېگەنلىك، شۇنداقلا ئۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپىدۇر.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «ئاددىي پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزۈش»تە، يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقالغان مىللىي تارىخىي داستانلاردىن تېز چۆرگىلەپ ئوينىلىدىغان شادىمان ئۇسسۇللارغىچە، يەنە نۇرغۇن ۋەقەلەر خاتىرىلەنگەن تارىخىي ئىزلارغىچە، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى مول، رەڭگارەڭ. بۇ «مەدەنىيەت گۆھەرلىرى»نى قەدىرلىنىدىغان، يېقىشلىق، يېقىن قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «ئىجادچان ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشچان راۋاجلاندۇرۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شەكىل، مەزمۇن، ئۇسۇل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق بارغانسېرى كۆپ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سىرلىق پەردىسىنى ئېچىپ، كىشىلەر ياقتۇرىدىغان بىر خىل مەۋجۇتلۇققا ئايلاندۇردى. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت ئاساسى، ئەنئەنىۋى ئەقىل - پاراسەت، ھازىرقى زامان قىممىتىنى چوڭقۇر قازغاندىلا، تېخىمۇ كۆپ ئىدىيەۋىلىككە ئىگە، سۈپەتلىك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغىلى بولىدۇ؛ تېخنىكا «يا»سى ئارقىلىق مەدەنىيەت «ئوقى»نى ئېتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بۇلۇت»قا كۆپرەك چىقىپ، «تور» بىلەن دائىم ئۇچراشقاندىلا، يېڭى تېخنىكىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تارقىلىش داۋامىدىكى قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى كۆزلەپ، دۇنياغا يۈزلەنگەندىلا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «ئاددىي پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزۈش»نى رېئال ئېھتىماللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «ئاددىي پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزۈش»تە، سىڭدۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» يولىدا ماڭدى، ئەتلەس كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىشىدا «ئېنىقلىق»نى ئاشۇردى، ئەتلەس توقۇش ئەنئەنىۋى ھۈنىرىمۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىدا ۋارىسلىق قىلىنىشقا ئېرىشتى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى + ساياھەت» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، رايون خاسلىقىغا ئىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېمىسىدىكى ساياھەت لىنىيەسى ئاچتى، شۇ جاينىڭ قاپاق ئويمىچىلىقى، كەشتىچىلىكى، ئەنئەنىۋى قەلەمتىراش قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى... غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جانسىزلىقتىن جانلاندۇرۇپ، خەلققە يىراقلىقتىن خەلققە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا گىرەلەشتۈرگەندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق چوڭ دەۋر تېمىسىغا سىڭدۈرگەندىلا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئاندىن ئىچكى ھاياتىي كۈچكە ئېرىشەلەيدۇ.

«شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ «دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۈرلىرىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 83ى، 294ى بار.» شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كۆپلىگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتلىرى ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تايانچى، شۇنداقلا كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىدىكى بايلىق. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «ئاددىي پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزۈش» كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ تەركىبىي ئامىلىغا ئايلاندى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن سۈپەتلىك ماركىنى جۇلالاندۇرۇش سىزنىڭ، مېنىڭ، ئۇنىڭ ئورتاق بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ توقسۇن: مىڭ مو قىچا گۈلى ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
  • يەنجى ناھىيەسى: يازدىكى شياڭسىخۇ كۆلى
  • ئىتتىپاقلىق رىشتىنى ئورتاق ئىزھار قىلىش