تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ 5 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: «گەرچە يۇقۇم كارخانىنىڭ تىجارىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا چىقارغان يۆلەش سىياسىتى ناھايىتى كۈچ بەردى، پەقەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن ئىبارەت بۇ بۆلەكتىلا بىزدىن 800 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى» دېدى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شىنجاڭ خېڭئەن قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ چۈەنخۇي.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردىن كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان قىسمىنى كەچۈرۈم قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردىن كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان قىسمىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىپ ئالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى 5 مىليارد يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى 100 مىڭ 200 ئورۇنغا نەپ يەتكۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار بۇ تۈرلۈك سىياسەتتىن ئاساسلىق مەنپەئەتلەنگۈچى توپ بولۇپ، كارخانىلار ئۈچۈن كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان 5 مىليارد يۈەن ئىچىدە، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ 3 مىليارد 680 مىليون يۈەننى ئىگىلىگەن.

«بۇ يىل 2 - ئايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، كارخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ تۈرلۈك كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىنىپ، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى سۈن جەنشۆ مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بازار سۇبيېكتىلىرىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىغا نەپ يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىچىك ھالقىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى