تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىر مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىر ئاز سانلىق مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يېزا، مەھەللە، نامراتلارنى يۆلەش سېخى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قارىتا يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى پارتىيەمىزنىڭ ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئورتاق قەدەم قويۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىغا، ئاز سانلىق مىللەت نامرات ئاممىسىنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. «مەن ھەربىر ئاز سانلىق مىللەتنى كۆڭلۈمدە ئويلاپ تۇردۇم»، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى كۆپ قېتىم مىللىي رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. قارلىق ئېگىزلىكتىن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغىچە، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردىن غەربىي جەنۇبتىكى چېگرا رايونلارغىچە، باش شۇجى ھەقىقىي نامراتلارنى يوقلاش، ھال - ئەھۋالىنى سوراش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن ھەممە جايدا ئىز قالدۇردى. مۇساپە ئۇزاق بولسىمۇ ئەسلىي مەقسەت ئۇنتۇلمىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ۋە مىللىي رايونلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ چىقارغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا خەلق مەركەز قىلىنغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى سىڭگەن بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەشتەك ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى جانلىق شەرھلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدىغان ھاللىق جەمئىيەت ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ھاللىق جەمئىيەت بولۇپ، ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشتىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ ئائىلە، ھەرقايسى مىللەتلەر چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى، مىللىي رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى بولمىسا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، مىللىي رايونلار تەرەققىي قىلىپ كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ئىلگىرى ھەتتا ئويلاپمۇ باقمىغان ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشى 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش مىللىي رايونلارنىڭ ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر جەڭ، شۇنداقلا ھازىرقى ئىنتايىن تەخىرسىز مۇھىم ۋەزىپە. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 14 مەركەزلىك تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايوننىڭ 11ى مىللىي رايونلارغا جايلاشقان ياكى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مەركەز بېكىتكەن ئېغىر نامرات «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ ھەممىسى مىللىي رايونلاردا. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەزى مىللىي رايونلاردا ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى كۆپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما كۆپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر بار. بۇ بىر مەيدان غەلىبە قىلىشقىلا بولىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بولۇپ، جەزمەن قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىستىھكامنى ئېلىپ، بۇ ھەل قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

مىللىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە توغرىلىنىپ، ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىنىڭ خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ساقلاشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ سىجىل كۈچەش كېرەك؛ دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش جەھەتتە كۆپرەك ئىش قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى، بايلىق ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، مىللىي رايونلارنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە باش قاتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلارنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش جەھەتتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، مىللىي رايونلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

سوتسىيالىزم ئىشلەپ يارىتىلغان، بەختلىك تۇرمۇش كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش تارىخى. 56 مىللەت قەلبداش بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، مېھنەت تەرلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ بەخت گۈللىرىنى سۇغىرىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى