تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۇستاز-شاگىرتلار تۇغقانلاشتى، ھۈنەر ئۆگىنىپ ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، «ساپانى ئۆستۈرۈپ، ماھارەتنى نامايان قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش» بويىچە تۇغقانلاشقان ئۇستاز-شاگىرتلار ماھارەت مۇسابىقىسىدە، لى شياۋمىڭ(ئوڭدا) شاگىرتى نامەت ھاكىمنىڭ كەپشەرلەش ماھارىتى كۆرسىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: «دىققەت قىلىڭ، جازىنى تۈز قويۇڭ.» «بۇ بۇلۇڭنى يەنە بىر كەپشەرلەپ قويۇڭ.»... ئۇچقۇننىڭ ھەر تەرەپكە چاچرىشىغا ئەگىشىپ، نامەت ھاكىم ئۇستازى لى شياۋمىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۆمۈر رېشاتكىنى كەپشەرلەۋاتاتتى.

   دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى(خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى) 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزگەن «ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ماھارەتنى نامايان قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش» بويىچە تۇغقانلاشقان ئۇستاز-شاگىرتلار ماھارەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى 4-قۇرۇلۇش ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى تىجارەت بۆلۈمىدىن كەلگەن لى شياۋمىڭ بىلەن شاگىرتى نامەت ھاكىم بىرلىكتە كەپشەرلەش ماھارىتى مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

    لى شياۋمىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نامەت ھاكىم مۇسابىقىنىڭ ھەربىر ھالقىسىنى قەدەم-باسقۇچ بويىچە تاماملاپ، ئاخىرىدا كەپشەرلەشنى تاماملىدى ھەم  ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

    «ئۇستازىمغا كۆپ رەھمەت. خىزمەتتە ئۇ ماڭا سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، ئالغا بېسىشىمغا تۈرتكە بولدى، تۇرمۇشتا ماڭا ئۇرۇق-تۇغقىنىمدەك غەمخورلۇق قىلدى. مەن ئىلگىرى دېھقان ئىدىم، 2018-يىلى قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ ئىشلەپ، ئۇستازىم لى شياۋمىڭ بىلەن تۇغقانلىشىپ، تۇرمۇشىمدا ياخشىلىنىش بولۇشقا باشلىدى» دېدى 33 ياشلىق نامەت ھاكىم.

    «ئىش ئورنىغا يېڭى كەلگەندە، بىرەر ئارتۇقچىلىقىم بولمىغاچقا، يۈك كۆتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىلا قىلالىدىم.» «ئۇستام كەپشەرلەشنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، قىلچە ئىككىلەنمەي ماقۇل بولدۇم» دېدى نامەت ھاكىم.

    «نامەت ھاكىم ناھايىتى زېرەك. كەپشەرلەشنى ئۆگىنىشتە ئۇستازنىڭ يېتەكلىشى، قولمۇقول ئۆگىتىشى زۆرۈر بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆگەنگۈچى ئۆزى ئۆزلەشتۈرۈپ مېڭىشى، قايتا-قايتا مەشىق قىلىشى كېرەك. مەن ھەركۈنى نامەتنىڭ كېرەكسىز ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ قايتا-قايتا مەشىق قىلىپ، ئىنتايىن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن» دېدى 55 ياشلىق ئالىي دەرىجىلىك كەپشەرچى لى شياۋمىڭ.

    «مەن ھازىر كەپشەرلەش مەشغۇلات كىنىشكىسى ئېلىپ، رەسمىي تېخنىك ئىشچى بولدۇم. بۇ ئارتۇقچىلىقىم بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشۇمدا زور ئۆزگىرىش بولدى، ئايلىق كىرىمىم 7000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، ئائىلەمدىكىلەر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بۇنداق ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشىشىم ئۇستازىمنىڭ ياردىمىدىن بولدى» دېدى نامەت ھاكىم.

   خىزمەتتە بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشتىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىككىيلەن خۇددى ئۇرۇق-تۇغقاندەك ئۆتىدۇ. نامەت ھاكىم دائىم ئۆزى ئەتكەن مەززىلىك تائاملاردىن لى شياۋمىڭ بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ، لى شياۋمىڭمۇ دائىم نامەت ھاكىمنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

   جۇڭگو بىناكارلىق-قۇرۇلۇش باش شىركىتى شىنجاڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى جيەنلىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بىز «ئۇستاز-شاگىرتلار تۇغقانلىشىپ ماھارەت ئۆگىنىش»نى قانات يايدۇرۇپ، تەجرىبىلىك تېخنىك ئىشچىلارنى يېڭىدىن كىرگەن ئىشچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، مېھىر-مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ھازىرغىچە، گۇرۇھىمىزدىكى 162 ئىشچى-خىزمەتچى بىناكارلىق ساھەسىدىكى تۈرلۈك تۆۋەن دەرىجىلىك سالاھىيەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىپ، تەدرىجىي ھالدا پىشقان بىناكارلىق مەشغۇلات ئىشچىلىرىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى