تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قىزىل قاناتلار بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇڭگۇر كۆلى سۇلۇق يەر باغچىسىدا پەيدا بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جۇاڭ شياۋپو، ۋاڭ يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ قۇشلارنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ پىدائىيسى چېڭ بىڭيۇڭ قاتارلىقلار «شىنجاڭ ئۇلۇڭگۇر كۆلى سۇلۇق يېرىدىكى قۇش تۈرلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە قوغداش تۈرى» بويىچە قۇشلارنى تەكشۈرگەندە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇڭگۇر كۆلى سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئالتە قىزىل قاناتنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.

  قىزىل قانات يەنە چوڭ قىزىل لەيلەك دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 130 سانتىمېتىر كېلىدۇ، تېنى چوڭ ھەم ئېگىز، بوينى ۋە پۇتى ئۇزۇن بولۇپ، پەيلىرى ھال رەڭگە مايىل بىر خىل سۇ قۇشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ خىل قۇش ئادەتتە ئادەم ئاياغ باسمايدىغان كەڭ ۋە تېيىز سۇ رايونىدا ماكانلىشىدىغان بولۇپ، 10 نەچچە، ھەتتا 100 نەچچىسى بىر توپ بولۇپ بىرگە ياشايدۇ، تېيىز يەردە قۇمۇش، ياۋا ئوت، كۈل رەڭ لاتقىلاردا كونۇسسىمان چاڭگا ياساپ، قاسراقلىقلار تۈرى، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار، بېلىق، سۇ ھاشاراتلىرى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىل قانات مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالى، ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايونلاردا ئارىلاپ-ئارىلاپ پەيدا بولماقتا. شىنجاڭ قۇشلارنى كۆزىتىش جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ قېتىم بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇڭگۇر كۆلىگە كەلگەن قىزىل قاناتلار قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا كۆپەيگەن توپلاردىن ئايرىلىپ چىقىپ جۇڭگوغا كىرگەن «ئېزىپ قالغان قۇشلار» بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى