تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مەكىت ناھىيەسى: دولان دېھقانلار رەسىمى خاس ساياھەتنى سىزىپ چىقتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان، مېھرىگۈل مەمەت خەۋىرى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «دولان دېھقانلار رەسىمى يۇرتى» دېگەن نامى بار شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى، دېھقانلار رەسىمىنى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خاس مەدەنىيەت كەسپى قىلىپ، «توردا + تور سىرتىدا» سېتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلار رەسىمى ھەۋەسكارلىرىنىڭ رەسىم قەلىمى بىلەن يېڭى يۆگىمە رەسىملەرنى سىزىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.

6-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسىدىكى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا دېھقان رەسساملار «گۈزەل تۇرمۇش» باش تېمىسىدىكى دېھقانلار رەسىمىنى ئىجاد قىلىپ سىزماقتا ئىدى. بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن مەمەت ئىمىن مەكىت ناھىيەسىدىكى ياش دېھقان رەسساملارنىڭ بىرى، ئەتراپىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز ئىجادىيەت ئىلھامى ئېلىپ كەلدى. «دېھقانلار رەسىمىنى سىزىپ كېلىۋاتقىنىمغا ئالتە يىلدىن ئاشتى، سەنئەتنىڭ مەنبەسى تۇرمۇش، تۇرمۇشتا كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر، يۇرتىمىزدىكى ئۆگىرىشلەر ۋە ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ھەممىسى مېنى ناھايىتى ياخشى رەسىم خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى مەمەت.

مەمەت تۇرۇشلۇق قۇمقۇسار يېزىسىنىڭ مەدەنىيەت كەيپىياتى قويۇق بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بازار ئىگىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېزىلىق ھۆكۈمەت خاس يېزا-كەنت مەدەنىيەت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. گەرچە شۇ جاينىڭ دېھقانلار رەسىمى پۈتۈن مەملىكەتتە خاسلىققا ئىگە بولسىمۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن چوڭراق دېھقانلار رەسىمىنى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپسىز ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلار رەسىمى مەدەنىيەت كەسپىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەت «توردا + تور سىرتىدا» سېتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، دېھقانلار رەسىمىنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

قۇمقۇسار يېزىسى يەنە دېھقانلار رەسىمى بىلەن مەدەنىيەت ئىجادىي مەھسۇلاتلىرىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلار رەسىمىنى قەغەزدىن مەدەنىيەت ئىجادىي مەھسۇلاتلىرىغا «كۆچۈرۈپ»، خاتىرە تەخسىسى، ئاتكېرتكا، توڭلاتقۇ چاپلىقى قاتارلىق 10 خىلغا يېقىن دولان دېھقانلار رەسىمى ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەپ چىقىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنىڭ ئەپلىك بولۇش ئەۋزەللىكى ئارقىلىق دولان دېھقانلار رەسىملىرىنىڭ ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىنى ھەم مەنزىرە رايونىغا ھەم تورغا كىرگۈزدى. بۈگۈنكى كۈندە، دېھقان رەسساملار ھەر يىلى دېھقانلار رەسىمىگە تايىنىپ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇمقۇسار يېزىسى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جارى قىلدۇرۇشنى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدا يەتكۈزىدىغان، خەلقنى بېيىتىدىغان مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تۇتۇپ، رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئىچكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دېھقان رەسساملارنىڭ ئىجادىيەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجادىيەت قوشۇنىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلار رەسىمىگە يېڭى قان قوشتى. 

مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار يېزىسىنىڭ كادىرى شۈ جياۋېي مۇنداق دېدى: «بىز بىر كەسپىي دېھقانلار رەسىمى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز، دېھقانلار رەسىمىنىڭ مۇنەۋۋەر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر خىل شەكىلدىكى تاۋارلارنى ئىجاد قىلىپ، تۈرلۈك سۇپا، تور بېكەتلىرى ياكى تاۋباۋ تور دۇكىنىغا ئىلتىماس قىلىپ توردا سېتىش ئارقىلىق، دولان دېھقانلار رەسىمى سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى