تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«ئالتۇن ئەپكەش»نى كۆتۈرۈپ، قولىمىزدىكى تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتايلى

جاڭ بېي

«ئورما ۋاقتى بۇغداينىڭ پىشقان ۋاقتى»، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بۇغدايلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولغان ھەم ئارقا - ئارقىدىن ئورما باشلانغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، مول ھوسۇلدىن ئۈمىد بار ئىكەن. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ۋە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ھاۋا رايى قۇرغاق بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى بۇغداي تېرىلىدىغان رايونلار ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىق يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئالتۇن ئەپكەش»نى كۆتۈرۈپ، يەنە بىر پەسىلدىكى ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتتى.

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئېنىقسىز ئامىللار كۆپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھاۋا كىلىماتى بىرقەدەر قۇرغاق بولغاچقا، جەزمەن پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئاسمانغا تايىنىپ جان بېقىش» خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. بۇ يىل شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرقەدەر قۇرغاق بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قاتارلىق بىنەم يېزا ئىگىلىكى ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇچىلىق، ھاۋا رايى تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئاشلىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تۆۋەن چېكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىق.

«قولدا ئاشلىق بولسا، كۆڭۈل خاتىرجەم بولۇش» ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەقىقەتتۇر. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، مۇقىم بولغان ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئېلىمىزنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلدى؛ بۇ يىل يازدىكى ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش يەنە مۇقەررەر ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشنى كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بىر پەسىلدە مول ھوسۇل ئالغاندىن يىل بويى ھوسۇل ئالغان ئەلا. مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى روشەن كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، بىز تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشىمىز كېرەك.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى