تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

6-ئاينىڭ 20-كۈنى CBA ئەسلىگە كېلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جېڭ جى، لىن دېرېن، لى بوۋېن خەۋىرى): جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى ئارقىلىق، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى، چىڭداۋ ۋە دۇڭگۇەندىن ئىبارەت ئىككى مۇسابىقە رايونىدا قۇرۇق مەيدان مۇسابىقە تۈزۈمى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى چاغانلىق دەم ئېلىشتىن بۇرۇن 30 ئايلانما دائىملىق مۇسابىقە ئېلىپ بارغان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، CBA بىرلەشمىسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەسلىدە 2-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدىغان داۋاملاشما مۇسابىقىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

CBA بىرلەشمىسى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇسابىقە تەرتىپىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى. مۇسابىقە قۇرۇق مەيدان مۇسابىقىسى شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىرىنچى باسقۇچتا 20 كوماندا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا چىڭداۋ ۋە دۇڭگۇەندە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، ھەر بىر كوماندا يەتتە مەيداندىن سەككىز مەيدانغىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. گۇرۇپپىلارغا ئاساسلانغاندا، چىڭداۋ گوشىن شۇاڭشىڭ، شىنجاڭ ئىلى ئالاھىدە ھارىقى، لياۋنىڭ بېنگاڭ، جېجياڭ گۇاڭشا كۇڭگۇ، بېيجىڭ شوۋگاڭ، جېجياڭ چيۇجوۋ بانكىسى، نەنجىڭ تۇڭشى جوۋگۇاڭ، شاڭخەي جيۇشى، دەۋر جۇڭگو گۇاڭجوۋ ۋە 1-ئاۋغۇست نەنچاڭ كوماندىسى چىڭداۋ مۇسابىقە رايونىدا مۇسابىقىلىشىدۇ. باشقا كوماندىلار دۇڭگۇەن مۇسابىقە رايونىدا مۇسابىقىلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى