تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

پىچان ناھىيەسى «خويەن مىگۇا» قوغۇنىنىڭ خۇنەن خېڭياڭدا بازىرى ئىتتىك بولدى

    خېڭياڭ شەھەر ئاھالىلىرى قوغۇن سېتىۋالماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ مىڭتاۋ، لو مېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ «خويەن مىگۇا»قوغۇنىنى توشۇپ ماڭغان ئىككى سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى خۇنەن خېڭياڭغا يېتىپ كەلدى، سودىگەرلەر ئەتىگەندىلا بۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، ئىككى ئاپتوموبىلدىكى 55 توننا قوغۇننىڭ بىرىنىمۇ قويماي سېتىۋالدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى «خويەن مىگۇا»قوغۇنىغا خېڭياڭ شەھىرىنىڭ 9-تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى ۋاسىتىچىلىك قىلغان، سۈيدا مېۋىچى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسى ياڭخەيۋەن مەھەللىسى قوغۇن ئۆستۈرۈش بازىسىدىن قوغۇننى سېتىۋالغاندىن كېيىن سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلغا بېسىپ، پۈتۈن مۇساپىدە سوغۇق ساقلاش ئوبوروتى بويىچە بىۋاسىتە خېڭياڭغا توشۇپ، قوغۇننىڭ يېڭى ۋە تەملىك بولۇشىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلغان.

  «ئەتىگەن سائەت ئالتىدىلا تېلېفون قوبۇل قىلىشنى باشلاپ، تاكى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگىچە بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.»دېدى قوغۇننى خېڭياڭ رايونىغا تەقسىملەپ بېرىشكە مەسئۇل بولغان مۇلازىمەتچى ليۇ جىنخۇا تونۇشتۇرۇپ.

      ئىگىلىنىشىچە، شۇ جايدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى، مېۋە-چېۋە زەنجىرسىمان دۇكانلىرى ۋە شياڭجياڭ تۈرلۈك ماللار سارىيى، بۇبۇگاۋ تاللا بازىرى قاتارلىقلار بەس-بەستە مال كىرگۈزگەن، لېيياڭ شەھىرى، چاڭنىڭ شەھىرى، خېڭنەن ناھىيەسى ۋە خېڭياڭ ناھىيەسىدىكى مېۋە-چېۋە سېتىش سودىگەرلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ سېتىۋالغان. ھازىر، ئىككى ئاپتوموبىل قوغۇننىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولغان بولۇپ، شىركەت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، قوغۇنلارنى بالدۇرراق تىجارەتلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى