تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئابلەت ئاشخانا ئېچىپ يۈكسەك ئىرادىگە كەلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى شىڭ، سۈي يۈنيەن

ئابلەت ھامۇت ئاچقان ئاشخانا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توپلۇق يېزىسىدا بولۇپ، ئاشخانا كوچىغا قارايدۇ، ئىشىك ئالدىدا ناھايىتى چوڭ بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخى بار.

4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، مۇخبىرلار ئاشخانىغا كەلگەندە، چۈشلۈك تاماقنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئەمدىلا ئاخىرلاشقانىدى. ئاشخانىنىڭ ئىچى ناھايىتى پاكىز بولۇپ، ئۈچ تاماق ئۈستىلى ۋە پول پاكىز سۈرتۈلگەنىدى. ئابلەت توق قىزىل ئاشپەزلەر كىيىمىنى كىيگەن، پەرتۇق تارتقان، ئاشپەزلەر دوپپىسىنى كىيگەن ھالدا، خېرىدارلارغا چاي قۇيۇۋاتاتتى.

كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلىش ئاشخانىنى گۈللەندۈرۈش

بۇ ئاشخانىنى ئابلەت 2018 - يىلى 6 - ئايدا ئاقسۇ شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن ئاچقانىدى. ئىلگىرى ئۇ بىرنەچچە يىل ئاشخانا ئېچىپ باققان بولغاچقا، بۇ جەھەتتە دىتى بار ئىدى. ئۇ كوچا بويىدىكى ئۈچ ئېغىزلىق ئۆينى ئىجارىگە ئالدى، بۇ يەرنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت، مەكتەپ، دوختۇرخانا بىلەن بولغان ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى.

«داپەنجى، داپەنيۈ، كالا - قوي گۆشى، ئىسسىق سەي، سوغۇق سەينىڭ ھەممىسىنى قىلالايمەن!» ئابلەت مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: مەن باش ئاشپەز، ھەر خىل سەيلەرنى قىلالايمەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئاشپەزنى ئۇن تاماقلىرىنى ئېتىشكە تەكلىپ قىلدىم.

ئابلەت خېرىدارلارنى رازى قىلغۇدەك غىزالاندۇرۇش ئۈچۈن، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن باشقا يەنە، تەمىنىمۇ جەزمەن ياخشى قىلىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. كالا - قوي گۆشى، كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭىسىنى ئالدى، ئۇننىڭمۇ ماركىلىقىنى تاللىدى.

تىجارەت باشلاشتىن ئىلگىرى، ئابلەت مەخسۇس ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن تاماقلارنى ئېتىپ، ئۇلارنى ياخشىلاش پىكىرلىرىنى بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ئاخىر «ئاق ئۈجمە دەرىخى» ئاشخانىسى تىجارەت باشلىدى، شۇ كۈنلۈك تىجارەت سوممىسى 2000 يۈەنگە يەتتى، ئابلەت خۇشاللىقىدىن خوتۇنى بىلەن ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى.

ياخشى باشلىنىش بولغاچقا، ئابلەتنىڭ ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى. ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇ ئاشخانىغا كېلىدىغان خېرىدارلارنىڭ ئاساسلىقى، ئورگان كادىرلىرى، دوختۇرلار، يەنە يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقتى. كادىرلار، دوختۇرلارنىڭ تاماقنىڭ تەمى، سۈپىتىگە بولغان تەلىپى يۇقىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى تاماق مىقدارىنىڭ يېتەرلىك، تەمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئابلەت ھەر كۈنى ھەربىر قورۇمىنى كۆڭۈل قويۇپ قورۇدى، ھەربىر خېرىدارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلدى، ئاستا - ئاستا ئاشخانىغا كېلىپ تاماق يەيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ناتونۇش خېرىدارلار تونۇش خېرىدارغا، دوستقا ئايلاندى.

«يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى خېلى كۆپ كادىر چۈشتە، كەچتە بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يەيدۇ» دېدى ئابلەت. ئاشخانىدا مەنپەر سومەن يەۋاتقان بىر يىگىت مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇ ئاشخانىنىڭ تاماقلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان، مىقدارى كۆپ، يەنە تەملىك، مەن دائىم بالامنى بىللە ئېلىپ كېلىمەن، «نەچچە كۈن كەلمىسەم تاماقلىرىنى سېغىنىپ قالىمەن!»

خېرىدارلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئابلەت تېخىمۇ مەمنۇن بولدى.

ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش قەلبكە مىننەتدارلىقنى پۈكۈش

ئىلگىرى ئابلەت بەش خىل مېتال دۇكىنى ئاچاتتى، ئەينى چاغدا سودىسى ياخشى بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى تۆت جان كىشى كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلمايتتى. ئۇ سىرتلارغا چىقىپ ئويناشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، جەمئىيەتتە نۇرغۇن دوست تۇتقانىدى.

بىر قېتىم خوتۇنى نۇرىمانگۈل نەمەت چىرايلىق ياسىنىپ ئۇنىڭ بىلەن سىرتقا چىقىپ تاماق يېيىشكە بارغاندا، ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، خوتۇن كىشى قىسقا يەڭلىك كىيىم كىيسە بولامدۇ، تېخى گىرىممۇ قىلىۋاپتۇ! دېگەن، ئەينى چاغدا خوتۇنىنىڭ ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئابلەت بۇنى ناھايىتى داۋلىسى بار، دەپ ھېس قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ خوتۇنىنىڭ ياسىنىشىغا، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشىگە ئۇنىمىدى، ئەر - خوتۇننىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يىرىكلىشىپ كەتتى.

بارا - بارا، ئابلەت جاھىل، ئەسەبىي بولۇپ قالدى، ھە دېسىلا ئەتراپىدىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى مۇسۇلمان ئەمەس، مۇسۇلمانچە ئەمەس دېدى، دۇكاننىڭ تىجارىتى بىلەنمۇ كارى بولمىدى، دائىم دۇكاننى تاقاپ «دوست»لىرى بىلەن جەم بولۇپ، «ئەھمىيەتلىك» ئىشلارنى قىلماقچى بولدى.

خوتۇنى ۋە ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، ئەھۋالنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە ئېيتتى. ئائىلىسىدىكىلەر ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلىشىدا، سىناپ بېقىش پىسخىكىسى بىلەن، ئابلەت ئاقسۇ شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئۆگىنىش قىلدى.

ياتاقتىكى پاكىز، رەتلىك يوتقان - كۆرپە، كىرلىكتىن ئابلەت ناھايىتى راھەت ھېس قىلدى؛ تەرتىپلىك تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىشتىن ئۇ ھەر كۈنى روھلۇق يۈردى؛ مەزمۇنى مول دەرسلەردىن ئۇ كۆپلەپ يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەندى. ئىلگىرى «دوست»لىرى بىلەن بىللە بولغاندا، قورسىقى ئاچسا پەقەت نان غاجىلايتتى، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە بىر كۈندە ئۈچ ۋاق ئۇماچ، ئۇن تامىقى، كۆكتات، مېۋە - چېۋە بار، ئوزۇقلۇق مول، تەمى مەززىلىك. بولۇپمۇ ھەر خىل يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، لازىمەتلىكلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇ ناھايىتى مىننەتدار بولدى.

«دۆلەت شۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ بىزگە ياردەم قىلدى، ئوقۇتقۇچىلار ئەستايىدىل مەسئۇل بولدى، مەن نېمىشقا ئەستايىدىل ئۆگەنمىگۈدەكمەن!» ئابلەت مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئەستايىدىل دەرس ئۆگەندى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى تىرىشىپ ئۆگەندى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگەندى، ئۇ «دوست»لىرىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنىڭ يامان نىيەتلىك ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ناۋادا ۋاقتىدا ئۆزىنى تارتمىسا، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندى.

«ئىلگىرى مەن ئەقلىمدىن ئېزىپتىمەن، ھازىر ئويلىسام بەك قورقۇپ كېتىمەن.» ئىلگىرىكى ئىشلار تىلغا ئېلىنسا، ئابلەت قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ تۇرۇپ، توختىماي بېشىنى چايقاپ، پۇشايمان قىلاتتى.

ئەر - خوتۇن بىر نىيەتتە بولۇش بەخت يولىغا بىرلىكتە ئاتلىنىش

«ئىلگىرى ئۇ دائىم كېچىچە ئۆيگە قايتمايتتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشماقچىمۇ بولغان. تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇ كەلسە - كەلمەس قاترىمايدىغان بولدى، كۆيۈمچان بولدى، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان بولدى، ئاغرىپ قالسام يەنە ماڭا كىر يۇيۇپ بەردى.» ئابلەتتىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنسا، خوتۇنى نۇرىمانگۈلنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنەتتى.

نۇرىمانگۈل مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆيدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئابلەت باشقۇراتتى، ھازىر مەن باشقۇرىمەن، ئاشخانىغا مال سېتىۋېلىشقا مەن مەسئۇل، ھەممە ئىشتا ئېرىممۇ مېنىڭ پىكرىمگە ھۆرمەت قىلىدۇ. بىر - بىرىمىزگە كۆيۈنىمىز، بىر - بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىمىز، ئەر - خوتۇن ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاشخانا تىجارەت قىلمىدى، ئابلەت خوتۇنى بىلەن: «ھازىر دۆلەت قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە قىلالايدىغان ئىشنى قىلايلى» دەپ مەسلىھەتلەشتى. ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە 60 كىشىلىك پولۇ ئېتىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى ۋە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خادىملىرىغا ئاپىرىپ بەردى. «ئۇلار ئىنتايىن جاپا چېكىدۇ، مەنمۇ باشقا ياردەم قىلالمايمەن، ئۇلارنى ياخشى تاماق يېسۇن دەيمەن» دېدى ئۇ.

تىجارەت ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئاشخانىنىڭ تىجارىتى قايتىدىن ئىزىغا چۈشتى، ئابلەت يەنە يېڭى ئويغا كەلدى. ئۇ خوتۇنى بىلەن: دۇكاننى ياندىكى ھويلا بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، قايتىدىن بېزەپ، تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى، خوتۇنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشنى، ئۇ ئاقسۇ شەھىرىگە بېرىپ يېڭى دۇكان ئېچىشنى مەسلىھەتلەشتى.

ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقتى، نۇرىمانگۈل مۇنداق دېدى: «مەن بۇ دۇكاننى چوقۇم ياخشى باشقۇرىمەن، سىز خاتىرجەم ئاقسۇغا بېرىۋېرىڭ!» ئابلەت مۇنداق دېدى: «كېيىن تىجارىتىمىز زورايسا، يېمەك - ئىچمەك شىركىتى ئاچساق، سىز باش دىرېكتور بولىسىز، مەن يۈگۈر - يېتىم ئىشلارنى قىلىمەن!» خوتۇنى بۇنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى