تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جىڭ لىجۈن خەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 18:45تە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى ئالتاي كاڭخۇي ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، «شىنجاڭلىقلارنىڭ يۇرتىنى ساياھەت قىلىشى» ___ ئالتايدىن كورلىغا قوش ئۇچۇش، ئۈچ كۈنلۈك ساياھىتى بويىچە 18 نەپەر ساياھەتچىنى كورلا ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلار كورلا شەھىرى ئاق قۇ كۆلى، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەت قىلىدۇ.
نۆۋەتتە، بايىنغولىن ئوبلاستى ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر روشەن كۆپەيگەن. خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى كوللېكتىپ، شەخس ئالاھىدە باھالىق ئايروپىلان بېلىتىنى يولغا قويغان، ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بىر يۈرۈش ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. «ئاۋىياتسىيە + ساياھەت» تەرەققىيات ئەندىزىسى مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ تېزلىكتە «ئەسلىگە كېلىشى»گە كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچى مەنبەسىنى جەلپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە، «شىنجاڭلىقلارنىڭ يۇرتىنى ساياھەت قىلىشى» ئەۋجىگە چىقماقتا.