تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى «يىپى ئۈزۈلمەيدىغان لەگلەك»كە ئايلاندۇرايلى

شۈ چىڭگۇاڭ

يېقىندا، شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى توردا تەكلىپ قىلىش 100 كۈنلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، مەقسەت كۆپ تارماقلار ئارىسىدا ھەمتۈرتكىلىك كۈچەش ئارقىلىق، تەمىنلەش - ئېھتىياج سۇپىسى قۇرۇپ، تەكلىپ قىلىش شەكلىنى بېيىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق خىزمەت تېپىشىغا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ ياراملىق كىشىلىرى، ئائىلىنىڭ ئۈمىدى. ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش - ئورۇنلىشالماسلىق كىچىك جەھەتتىن ئېيتقاندا ئائىلىنىڭ بەختى، ئۆز قىممىتىنىڭ ئىشقا ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تۇتۇپ، ھۆكۈمەت، ئالىي مەكتەپ، كارخانا، جەمئىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى ياخشى قىلىپ، توسالغۇلارنى ئېچىپ، قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى دەل جايىدا، ئىنچىكە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، «ئۇلارنى <يىپى ئۈزۈلمەيدىغان لەگلەك>كە ئايلاندۇرۇش كېرەك».

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى كەسىپ تاللاش قارىشىنى تۇرغۇزغاندىلا، ئۇلار ھەم ئەنئەنىۋى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا قالتىس تالانتىنى نامايان قىلالايدۇ، ھەم يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى قوغلىشالايدۇ؛ ھەم شەھەردە ئۆزىنىڭ غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلالايدۇ، ھەم يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سەھنىسىدە سەلتەنەتلىك ياشلىق ناخشىسىنى پۈتەلەيدۇ... نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان يېڭى دەۋردە تۇرۇپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش شەرق شامىلىنى كۈتۈۋېلىپ، ھەر ساھە بەرپا قىلغان ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كەيپىياتىدا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت مەكتەپتىن بىر - بىرلەپ ئۇچۇپ چىققان بۇ «لەگلەك»لەرنىڭ يىپى ئۈزۈلمەيلا قالماستىن، يەنە كۆپكۆك ئاسماندا ئېگىز ئۇچالايدۇ، قالتىس ئۇچالايدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى