تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مەمەت ئېلى ئۈچۈن ئەلچى بولۇش خاتىرىسى

شىنجاڭ گېزىتى ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن چۇنخۇا

5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىدا يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى دۇكىنى ئاچقان ليۇ شۈەنپىڭ ئەتىگەندىلا چىرايلىق كىيىنىپ روھلۇق بولۇپ كەتكەنىدى، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى. بۈگۈن ئۇ ئاتىلىق سالاھىيىتى بىلەن «ئوغلى» مەمەت ئېلى ئۈچۈن ئەلچىلىككە باراتتى.

«قىز تەرەپكە ئېلىپ بارىدىغان قوي، قۇرۇق مېۋە - چېۋە، نان، قەنت - گېزەك، كىيىم - كېچەكلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئالدىڭلارمۇ؟ ھەممىسى تەل بولسۇن، سەن دۇكىنىمغا كەلسەڭ، بىز بىللە يولغا چىقايلى.» ئەتىگەن سائەت 9دا، ليۇ شۈەنپىڭ مەمەتكە تېلېفون بېرىپ، ئەلچىلىككە بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغان ئىشلارنى تاپىلىدى. ئۆزى ئۆيدە ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ، بالىسى ئۈچۈن ئەلچى بولغاندا قىلىدىغان گەپلەرنى قايتا - قايتا مەشىق قىلدى.

سائەت 12دە، مەمەت ئەمدىلا سېتىۋالغان يېڭى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئاپىسى، ھاممىسى، كىچىك دادىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ، ليۇ شۈەنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى دۇكىنىغا كەلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارغاندا دېيىشىدىغان ئىشلارنى ئوچۇق - يورۇق مەسلىھەتلەشتى. ئەلچىلىككە بېرىشتىن بۇرۇنقى سەپەرۋەرلىكتىن كېيىن، ئۈچ ئاپتوموبىل قىز تەرەپ تۇرۇشلۇق ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى يۇقارقى سىرىم كەنتىگە قاراپ يولغا چىقتى.

ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا، مەمەت ئەلچىلىككە تەييارلىغان سوۋغىلىرىنى ئاپتوموبىلدىن ئېلىپ چۈشتى، قىز تەرەپ راھىلە راخمان ئائىلىسىدىكىلەر قىزغىن ئالدىغا چىقىپ، مېھمانلارنى ئۆيگە باشلىدى، مېھمانلار جوزىنى چۆرىدەپ ئولتۇردى.

«بۇ مېنىڭ <ليۇ دادام>، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان، ئۇ دادامغا ئوخشاش.» ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى داستىخاندا ئولتۇرغاندىن كېيىن، مەمەت ئالدى بىلەن ليۇ شۈەنپىڭنى تونۇشتۇردى ھەم ئۇنىڭ بۈگۈن ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ئورنىدا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈردى. ئۇرۇق - تۇغقانلارنى بىر - بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ تاماق يېگەچ پاراڭلىشىشقا باشلىدى.

«ئىككىلا بالا ناھايىتى مۇنەۋۋەر، ئۇلارنىڭ ئارىلاشقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى، قىزچاق چىرايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى ئىش ئۇقىدىكەن، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى. بىزنىڭ بۇ يىگىتمۇ بەك تىرىشچان، ھازىر ئىككى ئاشخانا ئاچىدۇ. كونىلار توغرا دەپتىكەن، ئۆي - ئوچاقلىق بولۇش، ئىگىلىك تىكلەشتە ئالدى بىلەن ئۆي - ئوچاقلىق بولۇش كېرەك، ئائىلە تىرەك بولغاندىلا، ئىش تېخىمۇ روناق تاپىدۇ. بالىلار توي قىلىش يېشىغا يەتتى، ئۇلارنىڭ بۇ يىل توي قىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...» ليۇ شۈەنپىڭ قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ئەلچىلىككە كېلىش مەقسىتىنى بىلدۈردى.

تاماق ئارىلىقىدا، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر «ئاتا - بالا» ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايىگە قىزىقىپ قالدى، ليۇ شۈەنپىڭ بىلەن مەمەت كۆپ يىللاردىن بۇيان ئورناتقان ئاتا - بالىلىق رىشتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ بەردى.

« مەن ۋە مەمەتنىڭ ئاتا - ئانىسى ئارال بازىرىدا دۇكان ئاچاتتۇق، ئۇ چاغدا ئۇ تېخى كىچىك، ئاغزى تاتلىق بولۇپ، ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى.» ليۇ شۈەنپىڭ ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بارغانسېرى ياخشى تونۇشتۇق، دېدى. ليۇ شۈەنپىڭنىڭمۇ بىر ئوغۇل، بىر قىزى بولۇپ، بالىلار دائىم بىللە ئوينايتتى، مەمەتمۇ بارا - بارا ئۇنى دادا دەپ چاقىرىشقا ئادەتلەندى. ليۇ شۈەنپىڭمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك، مەمەت خاتالىق ئۆتكۈزسە سەۋرچانلىق بىلەن قايىل قىلىپ تەربىيە بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىشنى ئۆگەتتى.

«<ليۇ دادام> مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى، ئۇنىڭ تەربىيەسى ۋە ياردىمى بولمىسا، ھازىر ئۆزۈمنىڭ قانداق ئادەم بولىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.» مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا ئېسىدە قالغان بىر قانچە ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرىمدا، مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۇرۇشاتتىم، تاماكا چېكەتتىم، ھاراق ئىچەتتىم. «ليۇ دادام» ماڭا نۇرغۇن داۋلى سۆزلەپ، ئۇرۇشۇشنىڭ قابىلىيەت ھېسابلانمايدىغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىشنىڭ ئوغۇل بالىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ۋاقتىمدا، «ليۇ دادام» كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە بېرىپ تېخنىكا ئۆگىنىشكە تەۋسىيە قىلدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يەنە مېنى ھەربىيلىككە قاتنىشىشقا تونۇشتۇرۇپ، مېنى توغرا كىشىلىك ھايات يولىغا باشلىدى. مەن ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغاندا، ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن مېنىڭ بازارنى تەھلىل قىلىشىمغا ياردەم بەردى ھەم ماڭا ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى بېرىپ تۇردى، ناھايىتى تېزلا مېنىڭ بىرىنچى غەربچە ئاشخانام تىجارەت باشلىدى، يېرىم يىلدىن كېيىن يەنە بىر مۇزىكىلىق تاماقخانا ئاچتىم.

«تىرىشىش ئارقىلىق بىنادىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدىم، يەنە بىر پىكاپ سېتىۋالدىم، شۇ بىر خوتۇنلا كەم قالدى، خوتۇن ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ كىشىلىك ھاياتىمدىكى چوڭ ئىشقىمۇ <ليۇ دادام>نىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ گۈزەل ھاياتىمنى ۋۇجۇدقا چىقاردى» دېدى مەمەت كۆپچىلىككە كۈلۈپ تۇرۇپ.

ليۇ شۈەنپىڭ مەمەتكە مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ، نەق مەيداندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا: «بۇ بالا كىچىكىدىن تارتىپلا مېھىر - مۇھەببەتنى مۇھىم بىلىدۇ، ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە، قىسقىغىنا نەچچە يىلدا ئاشخانىنى جانلاندۇردى. ئۆي - ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، راھىلەدەك بۇنداق ياخشى قىز ھەمراھ بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتىدىغانلىقىغا، ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

خوشلىشىش ئالدىدا، قىز تەرەپنىڭ ئاتا - ئانىسى جاۋاب بېرىپ، ئىككىيلەننىڭ توي ئىشىغا قوشۇلدى ھەم بۇ يىل 9 - ئايدا بىر ياخشى كۈننى تاللاپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

راھىلەنىڭ دادىسى راخمان تۇراپ مۇنداق دېدى: «بۇ توي ئىشىدىن بىز ئىنتايىن رازى بولدۇق، مەمەت ئەڭ مۇھىم تۇغقىنىنى ئەلچىلىككە ئېلىپ كەپتۇ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. ئۇنىڭ بىلەن <ليۇ دادا>سىنىڭ ھېكايىسى ئىنتايىن تەسىرلىك ئىكەن، بىزمۇ <ليۇ دادا>نى قۇدىدەك كۆرىمىز، بۇ خىل مېھىر - مۇھەببەتنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى