تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە كەڭ ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا يوللىغان ئىلھاملاندۇرۇش سۆزىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم ئىنتايىن مۇھىم سۆز قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە رولىنى مۇپەسسەل ئىزاھلاپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا دائىر بىرقاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشىمىز، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئاۋاز قوشۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇپ، ئايرىش تېمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە پۇختىلاپ، ھەقىقىي تۈردە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى تۈپ سەۋەبنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغانلىقىنى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىدىن بولغانلىقىنى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن بولغانلىقىنى تولۇق تونۇش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىك، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا پورتى، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، بوشاشماي دائىم تەييار تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، مۇقىم بولغان ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى سېلىنمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەل يۇقۇمى ۋە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسى ۋە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ دەسلەپكى لايىھە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئۈچ دەرىجىلىك تېببىي داۋالاش مۇلازىمىتى تورى قۇرۇلۇشى ۋە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە خادىملىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش ۋە مەشىقلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى، ئالدىنقى مەزگىللىك بىر تەرەپ قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. خىزمەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەر - يېزا مۇھىتىنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ساغلام يېمەك - ئىچمەك، تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنىڭ جەمئىيەت ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتى دورىگەرلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ئىستىلنى ياخشىلاپ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، قوشۇن يېتىلدۈرۈش، مېخانىزم ئىسلاھاتى، قانۇنچىللىق كاپالىتىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش - باھالاش خىزمىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامزاتلىققا كۆرسىتىش - باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئەمگەك روھى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەكنى قەدىرلەش، ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىش، نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىشتەك دەۋر كەيپىياتىنى يارىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمگەك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجادىيەت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.