تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئالدىنى ئېلىش ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ساغلاملىق تەدبىرى. كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئالدىنى ئېلىش ئاساس قىلىنغان سەھىيە - ساغلاملىق خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بوشاشماي دائىم تەييار تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا.

6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئاۋاز قوشۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇپ، ئايرىش تېمىنى مۇستەھكەملىگەن - پۇختىلىغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىغانلىقىنى؛ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنىڭ خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مەۋقەنى تېخىمۇ دەل جايىغا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا قويۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىدار ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كەسپىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر كۆرسەتتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق خىزمەت فاڭجېنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ساغلام جۇڭگو»نى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈپ، ئىلگىرىكى خىزمەتلەر ئاساسىدا، جۇڭگوچە چارە ئارقىلىق تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرقەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاساسىي داۋالاش كاپالىتى تورى قۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيەنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى بىر چوڭ پەللىگە كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. ئالدىنى ئېلىش ئاساس قىلىنغان سەھىيە - ساغلاملىق خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش ئۇزاقتىن بۇيان ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللاردا چىڭ تۇرغانلىق، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغانلىق، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتۇر. بۇ فاڭجېننىڭ نېگىزلىك نۇقتىسى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. «ئۇستا دوختۇر كېسەلنى ئالدىن بايقاپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.» خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنى پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى، داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، لېكىن بەزى كەمتۈكلۈكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرمۇ ئاشكارىلاندى. كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا، ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مۇقىم بولغان ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى سېلىنمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇل شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىدىغان ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك؛ دۆلەت دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ تېخنىكا، قابىلىيىتى، ئىختىساسلىقلار زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى ۋە شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك؛ داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خادىم، ئۇچۇر، بايلىقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئۆزئارا چەكلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك؛ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش زامانىۋى سىستېمىسىغا ماس كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش - ئىشلىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. دەسلەپكى مەزگىلدە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى ھازىرقى ئەڭ جىددىي ئىش قىلىپ، تارقىلىشچان كېسەل يۇقۇمى ۋە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كېسەل ۋە غەيرىي ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، باھالاش، كۆزىتىپ ئۆلچەشنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە توغرىلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئاقىللاشقان ئالدىن سىگنال بېرىش كۆپ نۇقتىلىق قوزغىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كۆپ يوللۇق كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ۋاقىتتا تەھلىل قىلىش، مەركەزلىك ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇلارنى تۈزۈش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق، تەرتىپى قېلىپلاشقان، ئىجراسى كۈچلۈك بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇن - نىزاملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىشى، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى پارتىيەمىزنىڭ ئاممىۋى لۇشيەننى تازىلىق، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە تەتبىقلاشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئۇلۇغ ئىجادىي ھەرىكىتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك جەمئىيەت ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇھىت ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزا مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش، پاكىز شەھەر - بازار بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، ياخشى يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى كېڭەيتىش كېرەك. ساغلاملىقنى بارلىق سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى شەھەرنى پىلانلاش، قۇرۇلۇش، باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

تەننىڭ ساغلاملىقى پۇت تىرەپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى، خەلقنىڭ ساغلاملىقى دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىنى بىخ ھالىتىدە، ئاپەت بولۇپ شەكىللىنىشتىن بۇرۇن ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەندىلا، چوقۇم «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ساغلاملىق ئاساسى سالغىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى