تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئابدۇرېھىم بىلىمنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى سۈي يۈنيەن، لى شىڭ

4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مۇخبىرلار ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئارال بازىرىدىكى دېھقان ئابدۇرېھىم تۇنىيازنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشى، كۈندىن - كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان ياخشى كۈنلىرى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدى.

«مېنىڭچە ئۆزۈمدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش بىلىمگە تۇتقان پوزىتسىيە بولدى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، بىلىمنىڭ كىشىلىك ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغان مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم» دېدى ئابدۇرېھىم.

تۇرمۇش، كەسىپتە تەڭ روناق تېپىش

ئابدۇرېھىمنىڭ ئۆيى 100 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، مۇخبىرلار ئىشىكتىن كىرىشىگىلا ياۋروپاچە ھەشەمەتلىك بېزىلىش ئۇسلۇبى دىققىتىنى تارتتى، ياتاق ئۆي، مېھمانخانىغا گىلەم سېلىنغان، نەقىشلەر قويۇق زامانىۋى تۈستە بولۇپ، يېزىلاردىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇسلۇبقا ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭ خوتۇنى ئانارگۈل روزى بىر چەينەك قىزىق چاي دەملەپ، ئاۋايلاپ ناۋات سېلىپ قويدى. مۇخبىرلار چىنە - چەينەكلەرنىڭمۇ نەپىس فارفۇر بۇيۇملاردىن ئىكەنلىكىنى كۆردى.

«بۇلتۇر 3 - ئايدا مەن ئونسۇ ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملاپ، خوتۇنۇم بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئۆيىمىزنى ياخشى بېزىۋالدۇق، ئۆي جاھازلىرىنىمۇ ئالماشتۇردۇق، بۇنىڭغا نەچچە ئون مىڭ يۈەن خەجلىدۇق.» بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ياخشى ئىگىلىك تىكلەپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىڭ ئۆزى بەختتۇر.

ئابدۇرېھىم كەنتتە 50 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ياڭاق ئۆستۈرگەن، بۇغداي ۋە شال تېرىغان بولۇپ، ھەر يىلى ياڭاقتىنلا 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدۇ. ئۇ خوتۇنى بىلەن يەنە بازاردا خەۋەرلىشىش مەخسۇس تىجارەت دۇكىنىدىن ئىككىنى ئاچقان بولۇپ، كەسىپ بېجىرىدۇ، يان تېلېفون ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرىنى ساتىدۇ، سودىسى ناھايىتى ئاۋات. ئۇنىڭ بىرىنچى دۇكىنى بازار ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرغاچقا ئىنتايىن ئاۋات، بۇلتۇر 9 - ئايدا ئىككىنچى دۇكىنىنى ئاچىدىغان چاغدا، بازارلىق ھۆكۈمەتكە يېقىن ئورۇننى تاللىدى.

«ھازىر دېھقانلارنىڭ قولىدا پۇل بار، يان تېلېفون سېتىۋالىدىغانلار، يان تېلېفوننى ئالماشتۇرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، يېزا بازىرى كەڭ بوشلۇققا ئىگە». ئابدۇرېھىمنىڭ ئېيتىشىچە، بازاردا ئوخشاش كەسىپتىكى دۇكانلار كۆپ بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا يەنە بىر دۇكان ئېچىشنى قارار قىپتۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلىنىپتۇ. «ھەر ئايدا كونا دۇكاندىن 6000 - 5000 يۈەن، يېڭى دۇكاندىن 4000 - 3000 يۈەن پۇل تاپالايمىز، ھەر ئايدا جەمئىي 70 - 60 يان تېلېفون ساتالايمىز» دېدى ئۇ.

يان تېلېفون ھەم مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلار ياخشى سېتىلىۋاتقاچقا، كەينى - كەينىدىن مال كىرگۈزۈۋېتىپتۇ. ماللارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، ئابدۇرېھىم ھەر ھەپتىدە ئاقسۇ شەھىرىگە ئۈچ - تۆت قېتىم بېرىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭ بىر شەھەر SUV ئاپتوموبىلى بار بولۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مال ئەكېلىش ئىنتايىن قولايلىق ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر يەنە كومبايىن ۋە كىچىك پىرىتسېپ سېتىۋاپتۇ.

ئۆگىنىش ئۇنىڭ دىلىنى يورۇتتى

ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: ھازىرقى تىرىشىپ ئىشلەش، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش ھالىتىم ئىدىيەدە ئازاد بولغانلىقىمنىڭ نەتىجىسى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دادام پارتىيە ئەزاسى، ئانام سېسترا، ئاكىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان، خىزمىتى بار، پەقەت مەنلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپلا ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن، كېيىن بەزى ئەسەبىي ئىدىيەسى بار كىشىلەر بىلەن باردى - كەلدى قىلىپ، ناھايىتى چوڭقۇر تەسىرگە ئۇچرىدىم».

ئاشۇ كۈنلەردە، ئابدۇرېھىم قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، توردىن ئەسەبىزم مەزمۇنى بار ئۈن - سىنلارنى ئاڭلاپ، بارا - بارا جاھىللىشىپ كەتكەن ۋە چەكتىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇ جاھىللىق بىلەن تۇرمۇشتىكى بارلىق بۇيۇملارنى «مۇسۇلمانچە»مۇ - ئەمەسمۇ دەپ ئايرىپ، ئەسەبىزم تەرغىب قىلغان «داۋلى»لارنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، يېڭى شەيئىلەر ۋە يېڭى قاراشلارغا قارشى تۇرۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پەقەتلا چىقىشالمىغان.

دادىسى ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنى ئونسۇ ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ بىر مەزگىل ئۆگىنىشكە نەسىھەت قىلغان. دادىسى ئۇنىڭغا «ئاتا - ئاناڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىساڭ، بېرىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باققىن» دېگەن.

«مەن گاڭگىراش ئىچىدە ئۆگىنىشكە بارغانىدىم، بىر مەزگىلدىن كېيىن، دىلىم يورۇپ كەتتى» دېدى ئابدۇرېھىم.

ئابدۇرېھىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپتۇ؛ قانۇن ئۆگىنىش نېمىنىڭ ھەق - ناھەق، نېمىنىڭ توغرا - خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپتۇ. ئىلگىرى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار نېمىلا دېسە، ئۇ ھەممىنى توغرا دەپ قارىغان ئىكەن. ھازىر شۇنى تونۇپ يېتىپتۇكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ سۆز - ھەرىكىتى بىمەنە بولۇپلا قالماستىن، يەنە قانۇنغا خىلاپ ئىكەن. «ئۇلار ئاياللار يۈزىنى ئوچۇق قويسا بولمايدۇ، خىزمەت قىلسا بولمايدۇ دېسە، ئۇ چاغدا بۇنى ناھايىتى قوللىغانىدىم، لېكىن، ھازىر مەن بۇنداق بولغاندا ئاياللارنىڭ بېكىنمىچىلىك، نادانلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، بەختتىن ئەسلا سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم» دېدى ئابدۇرېھىم.

«مەدەنىيەت بىلىملىرى، قانۇن بىلىملىرى، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مەن ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرى قەيەردە خاتا قىلغانلىقىمنى، تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلاش كېرەكلىكىنى بىلدىم.» ئابدۇرېھىم يېڭى دۇكان ئاچقاندىن كېيىن، خوتۇنىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپتۇ، خوتۇنىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ غەيرەتلىك ئىشلىشى ئۇنى خۇشال قىپتۇ. ئۇ مۇخبىرلارغا، ئەگەر كاللىسى ئىزچىل ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئىسكەنجىسىدە تۇرغان بولسا، ئۇ خوتۇنىنىڭ بۇنداق قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خوتۇنىنىڭ خۇشال ھالىتىنىمۇ كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەر ۋاقىت بالىلىرىغا ياخشى ئوقۇشنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش

ئابدۇرېھىم بىلىمنىڭ پايدىسىنى بىۋاسىتە ھېس قىپتۇ. كەسىپ بېجىرىشنى ئېلىپ ئېيتساق، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىگىلىمىگەندە، بەزى كەسىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنەلمەي، تونۇشتۇرۇشقا ئامالسىز قالاتتى، بېجىرىشى تېخىمۇ قىيىن بولاتتى. ھازىر دېھقانلارنىڭ ھەممىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىدۇ، ھەر خىل يان تېلېفون يۇمشاق ماتېرىياللىرى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر چۈشەنمىسە، ھەتتا يان تېلېفوننىمۇ ساتالمايدۇ.

«ھازىر سودا قىلىشتا رىقابەت كەسكىن، دۇكان ئاچسا ئەمەلىيەتتە بېسىم ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. كىم كەسپىي بىلىملەرگە پىششىق بولسا، كىم مۇلازىمەتنى ياخشى قىلسا، شۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تىرىشىپ ئۆگەنگەنلىكىمدىن خۇشال، بۇ بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتەلىدىم» دېدى ئابدۇرېھىم چىن كۆڭلىدىن.

مۇخبىرلار ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە لوڭقىغا سۈنئىي گۈل سېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، «نېمىشقا بىر نەچچە تەشتەك گۈل ئۆستۈرمىدىڭىز؟» دەپ سورىدى، «ھەقىقەتەن بەك ئالدىراش بولغاچقا، يېتىشەلمەيدىكەنمىز.» ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى ئەتىگەندە بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپلا ئىشقا بارىمىز، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ تاماق يەيمىز، يەنە ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىمەن، ۋاقىت ھەمىشە ناھايىتى قىس. ئەسلىدە گۈل باققانىدۇق، لېكىن دائىم سۇغىرىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ياخشى ئۆسمەي، باشقىلارغا بېرىۋەتتۇق.

ئابدۇرېھىمنىڭ ئۈچ بالىسىنىڭ ھەممىسى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن، كىچىك ئوغلى بىلەن قىزىنىڭ نەتىجىسى خېلى ياخشى، لېكىن 11 ياشلىق چوڭ ئوغلى ھەمىشە ئۆگىنىشكە قىزىقمايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى ئىكەن. «بۇ بالا كىچىكىدىن تارتىپلا كالا، قوي، توشقان ۋە توخۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىزچىل چوڭ بولغاندىن كېيىن باقمىچىلىق قىلىمەن دەيدۇ.» ئابدۇرېھىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تەربىيەلەش مەركىزىگە بېرىپ ئۆگىنىشتىن بۇرۇن بۇنى چوڭ مەسىلە ئەمەس دەپ قارايدىكەن، لېكىن ھازىر ئۇ ناھايىتى جىددىيلىشىدىغان بوپتۇ.

ئۇ دائىم ئوغلىغا ياخشى ئۆگەنمىسەڭ، بىلىمىڭ بولمىسا، سەن قانداق ئىگىلىك تىكلىيەلەيسەن، زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق ماسلىشالايسەن؟ باقمىچىلىق قىلىش ئۈچۈنمۇ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى بىلىشىڭ، شۇنداقلا ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن بولۇشۇڭ كېرەك، دەيدۇ. بالىسىنىڭ ھەم چۈشەنگەن - چۈشەنمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان قىياپەتتە تۇرغانلىقىغا قاراپ، ئۇ ئۆز - ئۆزىگە بەك ئالدىراپ كەتمەي، ئاستا - ئاستا يېتەكلىسەم بولغۇدەك، دېگەن.

بۇنىڭ ئۈچۈن، ئابدۇرېھىم نۇرغۇن چارە ئويلاپتۇ، ئۇ بالىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسىنى «كۆز - كۆز قىلىدىغان»، مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندىمۇ ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسىنى «كۆز - كۆز قىلىدىغان» بوپتۇ. ئۇ بالىلىرىغا خاتىرە كومپيۇتېر ۋە تاختا كومپيۇتېر ئېلىپ بەرگەن بولۇپ، تاپشۇرۇققا يېتەكچىلىك قىلغاندا ئىشلىتىدىكەن، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئويۇن ئوينىشىغا يول قويسىمۇ، بىر جۈملە سۆزنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن:«ئەگەر مەن كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگەنمىگەن بولسام، سىلەرگە ئويۇن ئويناشنىمۇ ئۆگىتەلمىگەن بولاتتىم».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى