تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش «بىرىكمە مۇشت»ى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى

كۆمۈر،توك، ماي، گاز ئىشلىتىش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، ئاشلىق، ياغ بازىرىدا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج كەڭرى بولدى، كۆكتات، گۆش، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم، سۈت ۋە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتى يېتەرلىك بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىننىڭ 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش باھانى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرى «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، بۇ يىل ئالدىنقى بەش ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر، توك، ماي، گاز ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلغان، ئاشلىق، ياغ بازىرىدا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج كەڭرى بولغان، كۆكتات، گۆش، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم، سۈت، ۋە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتى ئومۇمىي جەھەتتىن يېتەرلىك بولغان.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى شۇ ھامان ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باشلامچى ئورۇن بولغان تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتىدىغان، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ناھىيە (شەھەر)لەر ماسلىشىدىغان تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق كۆمۈر كانلىرى ۋە تايانچ ئېلېكتىر كارخانىلىرىنى داۋاملىق تىجارەت قىلىشقا ماسلاشتۇرۇپ، ماي، گاز كارخانىلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللاپ، تەبىئىي گاز، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز، پار، سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئايلىنىشنى تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز تەۋەلىك رايونىنىڭ تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، رايونلار ئارىسىدا تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە قاتارلىق مۇھىم ئامىللىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلغان.

«ھەرقايسى جايلار <كۆك - تاق>، <ئاشلىق>قا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرانسپورتنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، <ئالاقىلىشىشنى ھۆددىگە ئېلىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ> ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشنى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرغىچە راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك، كاپالەتنىڭ كۈچلۈك، مال باھاسىنىڭ تەكشى، مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى لى چاڭچىڭ.

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جانلاندى. 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.4 ئاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 85 مىليون 236 مىڭ 100 توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشقان؛ سېتىلىش مىقدارى 84 مىليون 6900 توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.8 ئاشقان.

توك بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولغان. 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ توك تارقىتىش مىقدارى 127 مىليارد 276 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.1 ئېشىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەكشى ئېشىشنى ساقلىغان. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلېكتىر تورىنىڭ ئەڭ چوڭ تەڭشىگىلى بولىدىغان قۇۋۋىتى 39 مىليون كىلوۋات بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمىدىكى ئەڭ چوڭ توك ئىشلىتىش يۈكىدىن 10 مىليون 300 مىڭ كىلوۋات يۇقىرى بولغان.

ماي، گاز بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، نېفىت كەسپىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 0.4 چۈشۈپ، ئېشىش سۈرئىتى ئازراق تۆۋەنلىگەن، لېكىن ئاساسلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدا مۇقىم ئېشىش ساقلانغان، خام نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈردىن ياسالغان تەبىئىي گاز ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5.4، %7.8، %16.1 ئاشقان.

ئاشلىق، ياغ، كۆكتات ۋە كۈندىلىك تاۋارلار بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولغان. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق زاپىسى تارىختىكى يۇقىرى ئورۇندا بولۇپ، زاپاس يېتەرلىك، تەمىنات يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولغان، يۇقۇم تارقىلىشتىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن. 115 كۆلەملىك ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىسى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ئۇننىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىدا 5000 توننىدىن يۇقىرى بولۇش مۇقىملاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 210 نۇقتىلىق سودا ساراي، تاللا بازىرىنىڭ ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، ئۆي قۇشلىرى، كۆكتات، تەييار يېمەكلىك، يۇيۇش - تازىلىق بۇيۇملىرى قاتارلىق 17 چوڭ تۈردىكى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتى يېتەرلىك بولغان.

ئاپتونوم رايون يەنە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى زاپىسىنى كۆپەيتىپ، زاپاس گۆش، كۆكتات تارقىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زاپاس گۆش، كۆكتات تارقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولغان زاپاس گۆش، كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش، گاز ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكەن. 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە توك باھاسىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى 700 مىڭ 200 گە يېتىپ، جەمئىي تۆۋەنلىتىلگەن سومما 278 مىليون يۈەن بولغان؛ گاز باھاسىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگەن سودا - سانائەت كەسپىدىكىلەر 48 مىڭ 500گە يېتىپ، جەمئىي تۆۋەنلىتىلگەن سومما 36 مىليون 252 مىڭ 400 يۈەن بولغان. 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سۇ ئىشلىتىش باھاسىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان يەككە سودا - سانائەتچى 88 مىڭ بولۇپ، مەنپەئەتلەنگەن سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 16 مىليون 150 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەن، تۆۋەنلىتىلگەن سومما 18 مىليون 740 مىڭ يۈەن بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى