تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ياڭ كېجاڭ: ئوت دېڭىزىدىكى قەھرىمان، ئۇچىسىدىكى كىيىمگە يۈز كېلەلىدى

ياڭ كېجاڭنىڭ سۈرىتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى نەننىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر خې چېڭ) ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان، قارا ئىس تۈرۈلۈپ كۆتۈرۈلۈۋاتقان ھايات - ماماتلىق پەيتتە، ئۇ ئىككى ياشلىق قىزنى چىڭ قۇچاقلاپ، بەدىنىنى بالىنى قوغدايدىغان قالقان قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا بالا قۇتقۇزۇۋېلىندى، لېكىن ئۇ ياش ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.

ئۇ گۇاڭشى يۈلىن شەھەرلىك ئەسلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى مىڭشەن ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ جىداۋيۈەنى ياڭ كېجاڭ.

پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە ئوت كېتىپ، ئادەملەر قاپسىلىپ قالغان. 2015 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يېرىم كېچىدە، ياڭ كېجاڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، سەپداشلىرى بىلەن جىددىي بېرىپ بىر تەرەپ قىلغان.

ئوت كەتكەن ئىمارەت جەمئىي توققۇز قەۋەت بولۇپ، 2 -، 3 -، 4 - قەۋەتلىرىدە ئوت شىددەت بىلەن كۆيۈۋاتاتتى، بىنا ئىچىدىكى ۋاقىتلىق ياسالغان ياغاچ شوتا كۆيۈپ كەتكەنىدى. ياڭ كېجاڭ ئۈچ سەپدىشى بىلەن ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئوت ئۆچۈرۈش شوتىسى بىلەن ئوت كەتكەن بىنانىڭ ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىقىپ، تۆۋەنگە قاراپ قەۋەتمۇقەۋەت ئاختۇرۇپ قۇتقۇزغان.

تار پەلەمپەي ئارىسىدا «تۇرخۇن ئېففېكتى» شەكىللىنىپ، ئوت كەتكەن مەيداندىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە قويۇق ئىس - تۈتەكنى سۈمۈرگەن، ئەڭ كۈچلۈك نۇرلۇق چىراغدىمۇ يەنىلا سوزۇلغان قولنىڭ بەش بارمىقىنى كۆرگىلى بولمىغان. ياڭ كېجاڭ سەپداشلىرى بىلەن سىلاپ - سىپاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، 5 - قەۋەتتىكى بىر تازىلىق ئۆيىدىن قاپسىلىپ قالغان ئۈچ ئادەمنى تاپقان.

بىر ئايال ھالىدىن كېتىپ ئولتۇرۇپ قالغان، ئون ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالا قاتتىق قۇسۇۋاتقان، بىر قىزچاق توختىماي يۆتىلىۋاتقانىدى. قويۇق ئىس - تۈتەك تازىلىق ئۆيىگە توختىماي كىرىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئەسلىي ئورنىدا كۈتۈپ تۇرسا، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتەتتى. ياڭ كېجاڭ دەرھال ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى بىلەن قىزچاقنى ئوراپ تازىلىق ئۆيىدىن ئېتىلىپ چىققان...

سەپداشلىرى ياڭ كېجاڭ بىلەن قىزچاقنى ئىزدەپ تاپقاندا، ئۇلار 1 - قەۋەتتىكى لىفىت قۇدۇقىنىڭ بۇلۇڭىدا ياتقانىدى. سەپداشلىرى ئالدى بىلەن بالىنى سىلاپ تاپقان، ئاندىن بالىنىڭ ئاستىدىن ياڭ كېجاڭنى سىلاپ تاپقان. ئۇ ئوڭدىسىغا ياتقان بولۇپ، ئىككى قولى بىلەن قىزچاقنى چىڭ قۇچاقلىۋالغانىدى.

سەپداشلىرى ياڭ كېجاڭنى ئوت كەتكەن جايدىن كۆتۈرۈپ چىققاندا، كۆپچىلىك ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكەن. سەپداشلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ياڭ كېجاڭ ئىس - تۈتەك بەك قويۇق بولۇپ، ئەتراپنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىغاچقا، سىلاپ - سىپاپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقاندا 5 - قەۋەتتىكى لىفىت قۇدۇقىدىن چۈشۈپ كەتكەن.

«ئېگىزدىن چۈشۈپ كەتكەندە خەۋپتىن جىددىي ساقلىنىش بىزنىڭ دائىملىق مەشىق تۈرىمىز، ياڭ كېجاڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقاندا، تەبىئىيلا ئىككى بىلىكىنى ئېچىپ، پول ياكى پولات چىۋىقنى تۇتۇۋالسىلا، تۆۋەنگە چۈشۈش زەربىسىنى كېمەيتىپ ۋە يەرگە چۈشۈش قىياپىتىنى تەڭشىۋېلىپ ھايات قېلىشى مۇمكىن ئىدى.» ياڭ كېجاڭنىڭ سەپدىشى ئوۋ لىڭ مۇنداق دېدى: ياڭ كېجاڭ ئىككى بىلىكىنى ئاچمىغان، چۈنكى ئۇ قىزچاقنى قۇچاقلىۋالغان.

ئاخىر قىزچاق قۇتقۇزۇۋېلىندى، ياڭ كېجاڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئاران 27 ياشتا ئىدى.

ياڭ كېجاڭنىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆزلۈكىدىن شۇ جايدىكى مەيدانغا كېلىپ، يۈرەك شەكلىدە شام يورۇتتى، «ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى ياڭ كېجاڭغا تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكات تارتتى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى توختىماي ياش تۆكتى. 2015 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يولداش ياڭ كېجاڭنى ئىنقىلابىي قۇربان، دەپ تەستىقلىدى ھەم ئۇنىڭغا ئۆزىنى دۆلەت مۇداپىئەسىگە بېغىشلاش ئالتۇن خاتىرە مېدالى بەردى.

ھايات - ماماتلىق پەيتتە ياڭ كېجاڭ ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپ، ھاياتلىق ئۈمىدىنى باشقىلارغا قالدۇردى. ئۇنىڭ ئوتتەك ياشلىق باھارى خۇددى ئاقار يۇلتۇز يېرىپ ئۆتكەندەك، كىشىلەر كۆزىنى ياشلىدى، شۇنداقلا كىشىلەر قەلبىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى