تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ليۇ خۇڭكۇن: خەۋپ - خەتەردىن قورقماي ساداقىتىنى پۈتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر ۋۇ ۋېنشۈ) شىددەت بىلەن يامراۋاتقان ئوت ئالدىدا، ليۇ خۇڭكۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئوت كەتكەن جايغا كۆپ قېتىم ئىچكىرىلەپ كىرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان. ئەمما، شىددەتلىك ئوت دېڭىزى قىسمەن ئىمارەتلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ليۇ خۇڭكۇن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، ئۇنىڭ ھاياتى مەڭگۈ 35 ياشتا توختاپ قالغان.

ليۇ خۇڭكۇن، 1978 - يىلى 6 - ئايدا تۇغۇلغان، 2002 - يىلى 6 - ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، ھايات ۋاقتىدا بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتى شىجىڭشەن تارماق ئەترىتى سىلىڭبۇسىنىڭ سەنموۋجاڭى بولغان. 2013 - يىلى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سەھەر سائەت 2لەردە، بېيجىڭ شەھىرى شىجىڭشەن رايونى شىلوڭدو مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن، ئوت تېزلىكتە يامراپ، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە غايەت زور تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن كۈنى كەچتە، ليۇ خۇڭكۇن نۆۋەتچى ئەمەس ئىدى، ئەمما ئوت ئاپىتى سىگنالى ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ئۆيىدىن ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان.

ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش جېڭىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ليۇ خۇڭكۇن بىرىنچى ۋاقىتتا بىنانىڭ 1 - قەۋىتىنىڭ ئالدى ئىشىكىگە ئېتىلىپ بېرىپ، ئىچكى قىسىمدىكى ئوتنىڭ تۇتۇشۇش دەرىجىسىنى يېقىندىن تەكشۈرۈپ، سودا ساراينىڭ سىرتقى تىك يۈزىدىكى چوڭ ئېلان تاختىسىنىڭ سۇ مىلتىقىنىڭ ھۇجۇم يولىنى توسۇۋالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىچكى قىسىمدىكى زور مىقداردىكى ئاسان ئوت ئالىدىغان كىيىم - كېچەكلەرنىڭ يەنە ئوتنى شىددەت بىلەن ئۇلغايتىدىغانلىقىنى، بىنانىڭ غەرب تەرىپىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئىستېرېئولۇق كۆيۈش ھالىتى شەكىللەنگەنلىكىنى بايقىغان. كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، بىنانىڭ غەربى، شىمالى ئىككى تەرىپىگە يېقىن قوشنا بولغىنى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى بولۇپ، شەرق تەرىپى ئوخشاشلا ئاۋات تيەنيۈ بازىرىغا يانداش ئىدى. ئەگەر ئوت كونترول قىلىنمىسا، ئەتراپتا ناھايىتى ئاسانلا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت شەكىللىنەتتى.

ليۇ خۇڭكۇن دەرھال نەق مەيداندىكى ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىلىرىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ئوت كەتكەن جاينىڭ مەركىزىگە كىرىپ ئوت ئۆچۈرۈشنى قانات يايدۇرغان. ليۇ خۇڭكۇن نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى يۈدۈپ، نەچچە ئون جىڭ ئېغىرلىقتىكى سايمانلارنى سۆرەپ، ئۆزى بىۋاسىتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەترىتىنى باشلاپ بىنانىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىپ، نەچچە يۈز گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا قارىماي سۇ مىلتىقى بازىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوتنى توسىغان.

بىر سەپدىشىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئەسلەپ بېرىشىچە، نەق مەيداندىكى كۈچلۈك ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسىدە كىشى كۆزىنىمۇ ئاچالمايدىغان بولۇپ، سۇ تامچىلىرى تېرىگە چاچراپ پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىغان. كۆپچىلىك ئوت ئۆچۈرۈش سۇ مىلتىقى بىلەن بەدىنىنى ھۆل قىلىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا يەنە ئوتتا قۇرۇپ كەتكەن، ئامالسىز داۋاملىق ھۆل قىلغان بولسىمۇ، يەنە قۇرۇپ كەتكەن... شۇنداق بولسىمۇ، ليۇ خۇڭكۇن بىر قەدەممۇ چېكىنمەي، باشتىن - ئاخىر كۈرەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، جەڭچىلەرنى باشلاپ 1 - قەۋەتتىكى ئوتنى تېزلىكتە كونترول قىلغان.

سەھەر سائەت 5تە، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى 3 - قەۋەتكە قاراپ ئىلگىرىلىگەن. داۋاملىق چېقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ئەترەت ئەزالىرى ئېلىپ ماڭغان ھاۋا نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەن. كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈزبېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ليۇ خۇڭكۇن دەرھال كۆپچىلىكنى نۆۋەت بىلەن چېكىنىپ چىقىپ نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، ئەمما ئۇ سىرتقى تەرەپتىكى ئاسما پەلەمپەي ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن يەنە بىر سەپدىشى ياڭ جەنگو بىلەن ئۇچرىشىشنى تاللاپ، ئەسلىي جايىدا نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن داۋاملىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان. ليۇ خۇڭكۇن كاۋاپتەك كۆيدۈرىدىغان قىزىق يالقۇنغا قارىماي مەجبۇرىي چېقىپ، ئىزچىل ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى شارائىتتا تاكى 4 - قەۋەتتىكى يۆگىمە ئىشىك ئالدىغىچە ھۇجۇم قىلىپ بارغان، يېڭى نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى خوراپ تۈگىگەنگە قەدەر ئاندىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ چاغدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەترىتى ئوت دېڭىزىدا ئۇدا ئۈچ سائەت قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغانىدى.

سائەت 5تىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە، ليۇ خۇڭكۇن مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان، سودا ساراينىڭ 4 - قەۋىتىدىكى ئاشخانا رايونىدا زور مىقداردا كۆمۈر گازى تۇڭى بار! ئەتراپتا ئوت ئۇچقۇنى پەيدا بولدى ھەم يامراش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، ناۋادا پارتلاپ كەتسە، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ! ليۇ خۇڭكۇن تېزدىن نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى يۈدۈپ، سەپدىشى ليۇ خۇڭكۇي بىلەن بىرلىكتە، ھەرۋاقىت يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى بولغان پارتلاش خەۋپىگە قارىماي، مۇھىتى تېخى ئېنىقلانمىغان شەرق تەرەپتىكى تارقاقلاشتۇرۇش ئېغىزىدىن بىناغا چىقىپ زەربىدارلىق بىلەن تەكشۈرگەن، كۆز ئالدىدىكى ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايدىغان قويۇق ئىس - تۈتەك ئىچىدە ئوت مەيدانىنىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراپ جاپالىق ئىلگىرىلىگەن.

سائەت 15تىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە، ليۇ خۇڭكۇن، ليۇ خۇڭكۇي ئىككىيلەننىڭ جەسىتى سودا سارىيىنىڭ 4 - قەۋىتىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئورۇندا بايقالغان. غايەت زور پول ئۆرۈلۈپ چۈشكەندىكى خىش - كېسەك پارچىلىرى ئىچىدە، ھايات - ماماتتا بىللە بولغان ئىككى يېقىن سەپداش يەنىلا جەڭگىۋار قىياپىتىنى ساقلىغان.

16 يىللىق ساقچىلىق ھاياتىدا، ليۇ خۇڭكۇن 2000 قېتىمدىن كۆپرەك ئوت ئۆچۈرۈش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش كەچۈرمىشى ئارقىلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق قان بىلەن ئوتتەك ئانكىتىنى تولدۇرغان. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەتەرگە ئۇچرىغان ئاممىدىن 20دىن كۆپرەك كىشىنى قۇتقۇزۇپ، ئاممىنى 10 مىليون يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قېلىپ، كىشىلىك ھايات يولىدا قاتار - قاتار چاقناپ تۇرغان ئىزلارنى قالدۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى