تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ۋاڭ شېڭ: پۇقرالارغا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن

شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىجياجۇاڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار لى جىۋېي، چى لېيجيې) «ئېچىپ بولماس بوز يەرلەر، ئورۇپ بولماس ئوت - چۆپلەر، كوچىلاردا ئوينايدۇ بويتاق قالغان يىگىتلەر...» بۇ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى ۋاڭ شېڭ ئەڭ دەسلەپ خېبېي ئۆلكىسى نېيچيۇ ناھىيەسىنىڭ ليۇلىن بازىرى شىشىخې كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ سايلانغان چاغدىكى مەنزىرە ئىدى. شىشىخې كەنتى تەيخاڭشەن تېغى ئېدىرلىق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، سۇ كەمچىل، يەر ئاز ئىدى، قۇرغاقچىلىق - ھۆلچىلىك ئۆزگىرىشچان ئىدى، قۇم تۆپىلىكتىكى قۇۋۋەتسىز يەرلەردە «تەبىئەتكە تايىنىپ ھوسۇل ئېلىناتتى»، كەنت ئاھالىلىرى گويا «نامراتلىق» تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدىغاندەك ئىدى.

ۋاڭ شېڭ، 1955 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان. 1975 - يىلى يازدا، 20 ياشقا كىرگەن ئۇ «نامراتلىق» تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان: باۋدىڭ شۆيۈەنىگە قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشى ئۇنىڭغا «كارب بېلىقىنىڭ ئەجدىھا دەرۋازىسىدىن سەكرەپ ئۆتۈشى»دەك كىشىلىك ھايات پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەن. ئۇ ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ يەردە قېلىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇشنى تاللىغان.

«كەنت ھەم نامرات، ھەم قالايمىقان، <پانۇستىكى كۆرۈنۈش> ئالماشقاندەك 13 ياچېيكا شۇجىسى ئالمىشىپ بولغان تۇرسا، ئۇ ئەخمەقمۇ؟» ئەينى چاغدا، نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ تاللىشىنى چۈشەنمىگەن، ئۇنىڭ قابىلىيىتىگىمۇ ئىشەنمىگەن.

«ھەممە كىشى شىشىخې كەنتى باي بولالمايدۇ دېيىشىدۇ، مەن بۇ بولمىغۇر سۆزگە ئىشەنمەيمەن!» ۋاڭ شېڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ «تۇنجى توپ ئوقى»نى ئېتىشنى پىلانلاشقا باشلىدى: «شىشىخېنىڭ نامراتلىقى سۇنىڭ كەمچىللىكىدىن بولغان، سۇنى چىڭ تۇتقاندىلا ھەممىنى تۇتقىلى بولىدۇ. سۇ قۇرۇلۇشى قىلىپ، قۇم تۆپىلىكتىكى يەرلەرنى سۇغىرىلىدىغان يەرگە ئۆزگەرتسەك، كۆپچىلىك ئاق ئۇننىڭ مومىسىنى يېيەلەيدۇ».

خوتۇنى ليۇ شياۋفېن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن يوتقان - كۆرپىسىنى يۈدۈپ ئىش چېدىرىدا يېتىپ - قوپۇپ، يۇرتداشلارنى باشلاپ قۇدۇق كولاپ، توسما ياسىدى، تاش يۈدۈپ ئۆستەڭ چاپتى، قورسىقى ئاچسا ئوتۇن تېرىپ ئوزۇق - تۈلۈكىنى قاقلاپ يېدى، ئۇسسىسا نەچچە پارچە مۇزنى چوقۇپ قاينىتىپ ئىچتى، قىشتىن باشلاپ ئەتىيازغىچە ئىشلەپ، ئاخىر توسما ۋە سۇ باشلاش ئۆستىڭىنى قۇرۇپ چىقىپ، 300 مودىن كۆپرەك يەرنى ئۆزگەرتتى.»

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا، ۋاڭ شېڭ ۋە يۇرتداشلىرى ئادەمنىڭ كۈچى بىلەن بىر سۇ ئامبىرى ياساپ، ئون چوڭ قۇدۇق قېزىپ، كەنتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم يەرنى سۇغىرىلىدىغان يەرگە ئۆزگەرتتى. شۇ يەردىكى كىشىلەر قورسىقى تويمايدىغان، كىيىمى پۈتۈن بولمايدىغان كۈنلەر بىلەن ئۈزۈل - كېسىل خوشلاشتى.

كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ شېڭ يەنە بىر تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى: مەكتەپ سېلىش، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.

كەنتتىكى بالىلارنى تۈزۈكرەك ئوقۇتۇش بىناسىدا تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ۋاڭ شېڭ موتوسىكلىت مىنىپ، پولات ماتېرىياللىرى، ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋالدى؛ مەبلەغ تېجەش ئۈچۈن خۇمدان ياسىدى، كېسەك قويۇپ، خىش پىشۇرۇپ، قېتىم - قېتىملاپ قۇرۇلۇش ئورنىغا توشۇدى... 1986 - يىلى، ئۈچ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى پۈتتى، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ مەكتەپتىن 100گە يېقىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چىقتى.

يۇرتداشلارنىڭ «ھەميان»ىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ۋاڭ شېڭ كېچە - كۈندۈز تۈرگە قاترىدى: 1992 - يىلى چاڭشۇۋگاڭ مىنېرال سۇ ئىچىملىك زاۋۇتى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شۇ يىلى 260 مىڭ يۈەن پايدا ئالدى؛ 1994 - يىلىدىن كېيىن كەنتتە كەينى - كەينىدىن خۇڭدوۋسا، لۈدوۋسا، زاۋرېنباۋ، سۇەنشيەنلۇ قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى قۇرۇپ چىقىلدى، ياۋا چىلان مېغىزى پىششىقلاش بازىسى قۇرۇپ، ھەر يىلى نەچچە مىليون يۈەن پايدا ئالدى؛ 1999 - يىلى پۈتۈن كەنتتە يەر ئوبوروتىنى قانات يايدۇرۇپ، بەيگو قورۇقىنى قوزغاتتى؛ 2002 - يىلى، بەيگو قورۇقى كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ، سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى، كۆكتات پارنىكى، دېھقانلار ئېكولوگىيە ئاشخانىسى قۇرۇلدى...

تۈر بارغانسېرى كۆپەيدى، ۋاڭ شېڭ بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاخىر ھاردۇق يېتىپ كېسەل بولۇپ، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاغرىپ يىقىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. شۇ يىلى 59 ياشتا ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىللىق باھار نۇرى گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن بەيگو قورۇقىغا چېچىلىپ تۇراتتى. يۇرتداشلار مۇنداق دېدى: پېشقەدەم شۇجى شىشىخېلىقلارنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈشى ئۈچۈن ھېرىپ ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ بولمىسا، بىز قانداقسىغا ساياھەت تامىقى يېيەلەيتتۇق، قانداقسىغا بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇش بولاتتى؟ ۋاڭ شېڭنىڭ سىيماسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇلار ۋاڭ شېڭنىڭ ھەيكىلىنى بەيگو قورۇقىنىڭ مەركىزىگە تىكلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى كۆپچىلىكنىڭ ئوتتەك قەلبىگە تىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى