تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر شاڭ جۇڭلىن خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى لۇساۋگۇ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدە سۈرەتكە تارتىلغان ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزى. 6-ئاي كىرگەندىن كېيىن، لۇساۋگۇ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدىكى 37 مىڭ 500 مو يەرگە تېرىلغان ئۈستىقۇددۇس چېچەكلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، تۇتاش كەتكەن سۆسۈن رەڭلىك ئۈستىقۇددۇسلار دالىدا پورەكلەپ ئېچىلىپ، رومانتىك گۈل دېڭىزىنى شەكىللەندۈردى. بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، پارچە-پارچە گۈل ئېتىزلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى غايەت زور رەڭ تەڭشەش تاختىسىغا ئوخشايتتى. ھەر يىلى ئۈستىقۇددۇسنىڭ چېچەكلەش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر كېلىشىۋالغاندەك تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ، سۆسۈن رەڭلىك رومانتىك سەپىرىنى باشلايدۇ.
قورغاستىكى ئون مىڭ مو ئۈستىقۇددۇس گۈل دېڭىزىدا سەيلە قىلىش
مۇھەررىر :
گۈلنۇر تۇرسۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/06/05 21:11
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.