تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئۇل تېشى، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى.

6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە رولىنى مۇپەسسەل شەرھلەپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئاۋاز قوشۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇش، ئايرىش تېمىنى مۇستەھكەملەش، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق بايان قىلدى. سۆزنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر - ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپىسى. پارتىيە ۋە دۆلەت باشتىن - ئاخىر سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى پۇختا قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى، H7N9، ئېبولا قاناش قىزىتمىسى قاتارلىق تاسادىپىي يۈزبەرگەن يۇقۇملارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇردى، ئاساسلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «ساغلاملىق ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي شەرتى، مىللەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە دۆلەتنىڭ باي - قۇدرەتلىك بولۇشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى.» «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باشتىن - ئاخىر ئۇللۇق ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ جىپسىلىشىپ، مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ كۈرىشىنى ئەسلەپ، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلقنى ئەلا بىلىپ، ھاياتلىقنى ئەلا بىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايمىز.» يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىز يولۇققان تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان ئېغىر، زور تاسادىپىي يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئەكس ئەتتۈردى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلدى.

«ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بولمايدۇ.» شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سەۋىيەسى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسى ھاياتلىق سۈپىتى ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، ساغلاملىق ئېھتىياجىدا كۆپ خىللىشىش، پەرقلىق بولۇش ئالاھىدىلىكى كۆرۈلدى. يەنە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، ھەم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، ھەم ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسىلە. ئېغىر، زور يۇقۇم ۋە تاسادىپىي يۈزبەرگەن ئاممىۋى سەھىيە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ئىجتىمائىي، سىياسىي چوڭ ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ قېتىم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى، داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇھىم رول ئوينىدى، لېكىن يەنە بىرقىسىم كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرمۇ ئاشكارىلاندى. بىز ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن گەۋدە بويىچە پىلانلاش، سىستېمىلىق قايتا يارىتىش، ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىنگال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئاۋاز قوشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمى قاتلىمىدىن مۇناسىۋەتنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق، ساغلام خەلققە ئىگە بولۇش تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، باشتىن - ئاخىر خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، كۈچلۈك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىك، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرساق، بىز چوقۇم ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى