تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىڭتۇەننىڭ بەش چوڭ تەدبىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ شاۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: بىڭتۇەن يېقىندا «ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىش، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇردى ۋە ئىلگىرى سۈردى.

«يولغا قويۇش پىكرى»گە ئاساسەن، بىڭتۇەن كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، يولغا قويۇش مۇددىتىنى 2021 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە ئۇزارتىدىكەن. ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغانلارغا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى قايتۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، خادىم قىسقارتمىغان ياكى ئاز قىسقارتقان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قايتۇرۇش ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا كارخانا ۋە ئۇنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئالدىنقى يىلى تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ %100ىگىچە يەتكۈزۈلسە بولىدىكەن.

كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش كۈچەيتىلىدىكەن. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىدە ئۆلچەمنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدىكەن. بانكىلارنىڭ نۇقتىلىق كارخانىلار ئۈچۈن مەخسۇس كىرېدىت پىلانى تۈزۈشىگە ئىلھام بېرىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، ئەمما ئىناۋەت بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارغا نىسبەتەن قارىغۇلارچە قەرزنى قايتۇرۇۋېلىش، قەرزنى ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدىكەن.

كارخانىلارنىڭ خادىم جەلپ قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدىكەن. تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئەمگەكچىلەرنى يېڭىدىن جەلپ قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىتا، كارخانا تىپى، رايون جايلىشىشى، ئەمگەكچى قوبۇل قىلىش تۈرى بويىچە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا كارخانىنىڭ ئەمەلىي تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ يىغىندىسى بويىچە ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىكەن. كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار شۇ يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلغان، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارنىڭ سانى كارخانىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانىنىڭ %20ىگە يەتسە (100 ئادەمدىن ئاشقان كارخانىلاردا %10كە يەتسە) ھەم ئۇلار بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى مۇقىملاشتۇرۇلىدىكەن. ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى پىلانى، «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» پىلانى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غەربىي قىسىم پىدائىيلار مۇلازىمىتى پىلانى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تۈرلىرى داۋاملىق تەشكىللەپ يولغا قويۇلىدىكەن. ھەر دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇنلاردىكى بوش ئىش ئورۇنلىرىغا بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىلدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس قوبۇل قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى باشقۇرۇش ۋە جەمئىيەت مۇلازىمەت ئىش ئورۇنلىرى كۆپەيتىلىدىكەن.

ئورۇنلاشتۇرۇشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىدىكەن. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان كىشىلەرنى بېكىتىش ئۆلچىمى ھەرىكەتچان تەڭشىلىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ۋاقتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن. ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ئېچىش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بازار يولى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەقىقەتەن تەسكە توختىغان قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى تەمىناتى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى