شىنجاڭ تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى (6-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان سۈرەت، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، تۈرلۈك مەشغۇلاتلار ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇشتىكى مەقسەت ئېگىزلىك ناھىيە بازىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈش بولۇپ، 2022 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
شىنجاڭ تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى (6-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
يول چىڭداش ماشىنىسى شىنجاڭ تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا تۈزلەش مەشغۇلاتى قىلماقتا (6-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).