تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى كۆلەملەشكەن مېلامىنا سىمولا تۈرىگە ئۇل سېلىندى

شايار ناھىيەسىدە:

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى كۆلەملەشكەن مېلامىنا سىمولا تۈرىگە ئۇل سېلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى كۆلەملەشكەن مېلامىنا سىمولا ھەم ئۇنىڭ يانداش تۈرىگە شايار ناھىيەسىدە ئىش باشلىنىپ ئۇل سېلىندى. تۈر يولغا قويۇلسا، شىنجاڭ ئىچىدە ساغلام، مۇھىت ئاسرايدىغان، مۇكەممەل مېلامىنا كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت كەسىپ تۈرلىرى بېيىتىلىدۇ.

جەمئىي 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بۇ تۈر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولۇپ، شىنجاڭ شۆفېڭ مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، مېلامىنا سىمولا تۈرى يۇقىرىدا تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى كەسپى بىلەن تۇتىشىدىكەن، تۆۋەندە مېلامىنا تېرمىنال ئىستېمال مەھسۇلاتى بىلەن باغلىنىدىغان مۇھىم ھالقا ئىكەن. تۈرنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا 100 مىڭ توننا فورمالىن، 40 مىڭ توننا مېلامىنا سىمولا تەييار پاراشوكى، 200 - 150 مىليون دانە مېلامىنا تاماق بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش بولۇپ، يىلىغا 7 مىليون 500 مىڭ پارچە ئادەتتىكى ئۆلچەمدىكى مېلامىن كۈچەيتىلگەن كۆپ ئىقتىدارلىق گىپىس تاختا، 50 مىڭ كۇب مېتىر قاتتىق، كۆيۈشنى توسۇيدىغان، ئىسسىق ساقلايدىغان مېلامىن كۆپۈكلۈك ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش ئىكەن.

تۈر ئۈچ قارارغا بۆلۈنۈپ قۇرۇلىدۇ: 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشقا جەمئىي 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 244 مو، تەبىئىي گازدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ھەم بىخەتەر زاپاس ساقلاش، يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش تۈرى قۇرۇلىدۇ، 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى؛ 2 - قارار مېلامىنا سىمولا ئىشلەپچىقىرىشى ھەم ئۇنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى قوللىنىشچان تۈرلەر؛ 3 - قارار مېلامىنا سىمولا مەدەنىيەت كەسىپ باغچىسى.

شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم شەپقەت ھوشۇر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېڭىدىن كۆپەيگەن مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2000دىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، شايار ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي گاز ئەۋزەل بايلىقىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى