تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

18 نۇقتىلىق تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلىدى

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى):

18 نۇقتىلىق تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى فۇ شياڭلۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) 2020 - يىللىق ئىككىنچى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەركەزلىك ئۇل سېلىپ ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، بەينياۋخۇ يېڭى رايونى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تەۋەلىك رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تەۋەلىك رايوندىكى 18 تۈرگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈچ ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە ئالتە تارماق يىغىن مەيدانىدا ئۇل سېلىنىپ ئىش باشلاندى، جەمئىي 53 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.

ئۈرۈمچى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېنېرگىيە باتارېيەسى تۈرىگە بەينياۋخۇ يېڭى رايونىدا ئۇل سېلىندى. بۇ تۈرنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى تەخمىنەن 2100 مو بولۇپ، تۇنجى قارارلىق تۈرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 مو، ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى يۇقىرى، ئېنېرگىيە زىچلىقى يۇقىرى، ئايلىنىش ئۆمرى ئۇزاق، ئېلېكتىر ئىقتىدارى ئەلا ئېنېرگىيە باتارېيەسى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن 2000دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) 2 - قارارلىق ئۇزارتىلغان رايونغا جايلاشقان ئۈرۈمچى لۈگۇ خەلقئارا سودا رايونى تۈرى پۇل مۇئامىلە كەسىپلەر باغچە رايونى، تۇرمۇش يانداشما رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پۇل مۇئامىلە كەسىپلەر باغچە رايونى پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن پۇل مۇئامىلە بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى، ياشىن ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەركىبى كۆپ مەنبەلىك، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، سىستېمىسى تاكامۇللاشقان پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيە كەسپىنى بەرپا قىلىدۇ.

«بىز <كارخانا ئۈچۈن قىممەت يارىتىشقا كۈچ چىقىرىش>تىن ئىبارەت مۇلازىمەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تۈرنىڭ بالدۇرراق پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رايون باشلىقى جاڭ جۈنشياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق «ئىئانە قويى»نى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاي ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىش پىلانلاندى
  • شىنجاڭ كورلا: كۈز مەنزىرىسى بىلەن پۈركەنگەن «قاقاس تاغ»