6-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كۆكئاغاش يېزىسى ئاقئۆتكەل كەنتى ئېلېكتىرونلۇق سودا مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە مەركىزىدە، ئاينۇر خاماش ۋە ئېرى نۇرجان بەدىلخان ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشىمەكتە.
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: يېقىنقى مەزگىللەردە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ھېسابات نومۇرى ئېچىپ، يۇرتىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى سېتىش قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاقئۆتكەل كەنتى ئىلگىرى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى كەنتى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى تۆۋەن، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت قاتارىغا كىرىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەزكۇر كەنت قازاقلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەك، ساياھەت مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىقلار بويىچە تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا باشلامچىلىق قىلغان. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا، مەبلەغ سېلىپ يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئۇل قۇرۇلۇشلار يولغا قويۇلغان. 2019-يىلى، مەزكۇر كەنتتىكى چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 22 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
6-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كۆكئاغاش يېزىسى ئاقئۆتكەل كەنتىدە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچىدىغان كەنجىبەك شالىت ۋە ئايالى باتىمە كەنجىباي ساياھەتچىلەرنىڭ تاماق زاكاز قىلىش تېلېفونىنى ئېلىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
6-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كۆكئاغاش يېزىسى ئاقئۆتكەل كەنتىدە، 62 ياشلىق قۇرىمخان ئىمانخۇس ئۆيىدە كەشتە تىكمەكتە.
6-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كۆكئاغاش يېزىسى ئاقئۆتكەل كەنتىدە، ساياھەتچىلەر مەزكۇر كەنتنىڭ مەدەنىيەت مەيدانى ئالدىدىكى قازاق ئۆيگە كىرمەكتە.
6-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كۆكئاغاش يېزىسى ئاقئۆتكەل كەنتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ مەزكۇر كەنتنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىدىكى دەرەخكە قالدۇرۇپ قويغان تىلەك تاختىسى.
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ شىن خەۋىرى، فوتوسى