جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى سېرىق بۇلاق ئەتىيازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدا، يەرلىك چارۋىچىلار پادىلىرىنى ھەيدەپ، قەدىمىي «مىڭ چاقىرىملىق چارۋا يولى»نى بويلاپ، سۇ ۋە ئوت-چۆپلىرى مول بولغان ئېگىز تاغدىكى يازلىق يايلاققا يۆتكەلدى. ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىدىكى مىليون چارۋا يايلاققا كۆچىدىغان پەسىل بولۇپ، چارۋىچىلار كالا-قويلارنى ھەيدەپ، كىگىز ئۆي ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تۆگىگە بېسىپ، قىشلاقتىن يايلاققا كۆچتى.
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ شىن فوتوسى