تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

غەيرەت قىلىش ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىش

− شىنجاڭ كۈچ توپلاپ ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭى قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ چېڭ

ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، جەنۇبىي شىنجاڭدا يەنە قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيە بار. بۇ يىل ئەتىيازدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەر ھەسسىلەپ تىرىشىپ، كىرىچنى چىڭىتىپ، غەيرەت قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىگە كۈچ توپلىدى.

ھەسسىلەپ تىرىشىش نامراتلىقتىكى ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە قەسەم قىلىش

3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولدى، تيەنجىن جىنكېن چارۋىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى ۋاڭ خۇبىن جەنۇبىي شىنجاڭغا جايلاشقان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شىۋول يېزىسىغا قايتىپ كەلدى. كارخانىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىر، تېخنىك خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ نامرات دېھقانلارنىڭ قوينى ياخشى بېقىشتىكى يۆلەنچۈكى بولدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپلا قالماي، ۋاڭ خۇبىنغا ئوخشاش نەچچە ئون مىڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرى بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ نامراتلىقتىكى ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە قەسەم قىلدى.

يەكەن ناھىيەسى دۆڭباغ يېزىسى يۇقىرى ئايكۆل كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى يۈ پېڭفېي چاغاندىن ھازىرغىچە نامراتلارنى يۆلەش بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «ئۇ بىزگە ياردەملىشىپ كۆكتات تېرىش كارخانىسىنى كىرگۈزۈپ بەردى، يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى.» كەنت ئاھالىسى مەمتىمىن ھوشۇر مۇنداق دېدى: شۇجى چاغاندىمۇ ئۆيگە قايتماي، كەنتتە ئىزچىل ئالدىراش بولدى.

يۈ پېڭفېي ۋە نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، يۇقىرى ئايكۆل كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر 2017 - يىلىدىكى 193 ئائىلىلىك 733 كىشىدىن 2019 - يىلىدىكى بەش ئائىلىلىك 19 كىشىگە ئازلىدى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %30تىن %1كە تۆۋەنلىدى.

ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى. 2020 - يىلى ئاپتونوم رايون دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن 96 مىليارد 730 مىليون يۈەن چىقىم ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.4 ئېشىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلەغ سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

«بۇيرۇتما»لىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق

شىنجاڭ تيەنما ئېكولوگىيەلىك يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدە يەكەن ناھىيەسىدىن كەلگەن ئابلەت ئابدۇرېشىت قوي سويۇۋاتاتتى. «ھازىر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىۋاتىمەن» دېدى ئابلەت خىزمەت ئارىلىقىدا خۇشال ھالدا. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئاساسلىق كىرىمى مەدىكارلىقتىن كېلەتتى، كىرىمى تۆۋەن ھەم مۇقىم ئەمەس ئىدى.

ئابلەتنىڭ ئۆزگىرىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن. بىراق يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولمايدۇ. «بۇيرۇتما»لىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىدە بىرمۇ ئادەم چۈشۈپ قالمىدى.

يەكەن ناھىيەسىدىكى نۇرىمانگۈل ئەخەت نەچچە كۈندىن بۇيان ئوت ئوتاش، سۇغىرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئائىلىسىنىڭ ئۈچ مو يەردىكى سەبدەرگۈل مايسىسىنى ياخشى پەرۋىش قىلىش ئۈچۈن، ئۇ سەل يېتىشەلمەي قالدى.

سەبدەرگۈلنى ھەم تاماشا قىلغىلى، ھەم يېگىلى بولىدۇ، ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كىلىماتىمۇ سەبدەرگۈل ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ. شۇ جايدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى دېھقان ئائىلىلىرىنى سەبدەرگۈل تېرىشقا يېتەكلەشتەك بىر يولنى ئويلاپ تاپتى. يەنە مەخسۇس مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ، سېتىۋېلىش شىركەتلىرىنى كىرگۈزۈپ، ياخشى تېرىش، سېتىپ چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«سەبدەرگۈل تولۇق ئېچىلغاندا كارخانىلار كېلىپ بىرتۇتاش يىغىۋالىدۇ، ھەر كىلوگىرامى 1.05 يۈەن.» نۇرىمانگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر مۇشۇ ئۈچ مو يەردىكى سەبدەرگۈلدىنلا ئۇ 7500 يۈەن كىرىم قىپتۇ.

ھەربىر ئائىلە ئۈچۈن «بۇيرۇتما»لىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چارىسى قوللىنىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تېمىسىنىڭ مەنىسى. نامرات نوپۇسنىڭ ئوخشىمىغان ئەھۋالىغا قارىتا، شىنجاڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز جايىدا كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن باشقا، يەنە ئەمگەك مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش، چېگرا قوغدىغۇچىسى قىلىش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قاتارلىق كۆپ خىل نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرىنى يولغا قويدى.

نەتىجىنى ساقلاش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىرىنچى سەپتىكى «نامراتلىققا قارشى جەڭ قىلغان» خادىملار كىرىچنى تېخىمۇ چىڭىتتى، بوشاشمىدى.

خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى سۇيا لەڭگەر كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى مۇختەر ھوشۇر يېقىندا ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھۆكۈم قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «ئەمگەك كۈچى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەك كۈچى يوقلارنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق».

سۇيا لەڭگەر كەنتى 2018 - يىلى كەنت بويىچە پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ يىل ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، بۇ جاي شىنجاڭنىڭ «تۆت خىل رەڭ» قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى بويىچە، «قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» بەلگىسى بار 45 دېھقان ئائىلىسىنى تولۇق تاللاپ چىقىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا كۆپ خىل ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرىنى قوللاندى.

قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇپ، ھەر ۋاقىت يېڭىلاپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى پۈتۈن مۇساپىلىك كۆزىتىپ، كېسەل، ئىشسىزلىق، مېيىپلىك، ئاپەت، ئوقۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپىگە ھەرىكەتچان سىگنال بېرىپ، «بىرمۇ ئائىلە چۈشۈپ قالماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«خىزمەتتە يېتەرلىك پۇختا، يېتەرلىك ئىنچىكە بولۇپ، بالدۇرراق ياردەم قىلساق، يۆلىسەكلا، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىيەلەيمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ئىقتىسادى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەتقىقات يۇرتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى ئىشقۇل يېزىسى قوتاندۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى رېن يۇڭجېڭ.

بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش «جەڭچى»لىرى ھەسسىلەپ قىزغىنلىقى، ھەسسىلەپ تىرىشچانلىقى بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ جەڭگاھىغا ئاتلاندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى