تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

نىلقا ناھىيەسى تاڭبۇلا يايلىقىدىكى گۈللەرنىڭ ھىدى كىشىلەرنى جەلپ قىلدى

5-ئاينىڭ ئاخىرلىرى سۈرەتكە تارتىلغان نىلقا ناھىيەسى تاڭبۇلا يايلىقىنىڭ گۈل بىلەن پۈركەنگەن مەنزىرىسى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن خۇالىن خەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى نىلقا ناھىيەسى چىگراسىغا جايلاشقان تاڭبۇلا يايلىقىنىڭ «يۈز چاقىرىملىق تەبىئىي رەسىم كارىدورى» دېگەن نامى بار. باش يازدا، تاڭبۇلا يايلىقىدا سىم-سىم يامغۇر يېغىپ، ھاۋا ئېچىلىپ، ئاسمانغا قارىسا بىر خىل چۈشتىكىدەك خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. بۇ جايدا يايلاقتا ئوت-چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن، گۈللەر ئېچىلغان بولۇپ، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ھەريانغا تارايدۇ. بىپايان يايلاقتا مېڭىش كىشىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ. ئادەم خۇددى گۈزەل بىر ماكاندا تۇرغاندەك ھېس قىلىپ، بۇ جايدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاچا-سىڭىللار
  • گۈزەل شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلدى
  • چىرايلىق كىيىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش