يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى ۋۇجياچۈ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە تۈر ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 10 تۈردە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالىدى. كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يېڭى ماتېرىيال باغچە رايونى تۈرى، سانائەتتە گاز بىلەن تەمىنلەش ۋە قالدۇق ئىسسىقلىقتىن ئۇنىۋېرىسال پايدىلىنىش تۈرى، مۇھىت ئاسراش يېڭى ماتېرىياللىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى تۈرى، ئېلېكتىرونلۇق ئەقلىي جابدۇق باغچە رايونى تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭغا 12 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى.
ۋۇجياچۈ شەھىرى رايون، قاتناش ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنى جەلپ قىلدى، بۇ، شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. تۈر كىرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇر ئەمەلىيلىشىشى، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى