تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق مەنزىرە رايوننىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش

لەنپوۋەن ئېكولوگىيەنى تاماشا قىلىش باغچىسىنىڭ خىزمەتچىسى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق تورداشلارغا مەنزىرە رايوندىكى ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

  5-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسى ئارال شەھىرى لەنپوۋەن ئېكولوگىيەنى تاماشا قىلىش ساياھەت باغچىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى تور دىكتورلۇق رولىنى ئۆتەپ، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش بىلەن نەچچە يۈز تورداشنى جەلپ قىلدى، قۇملۇقنىڭ چېتىدىكى جەنۇب مەنزىرىسى تورداشلارنى ھەيران قالدۇردى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش جەريانىدا، خىزمەتچى خادىملار تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە تەپسىلىي جاۋاب بەردى. نۇرغۇن تورداشلار مەنزىرە رايوننىڭ ئادرېسىنى سوراپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە چوقۇم بېرىپ كۆرۈپ باقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

   ھەمتۈرتكە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەنزىرە رايون كىرىزىس ئىچىدە بۇرۇلۇش ھازىرلاپ، يۇقۇمدىن كېيىن «قويۇش كۇنۇپكىسى»نى قايتىدىن باسقان مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىگە ئاساس سېلىپ، تولۇپ تاشقان روھى ھالەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شۇ كۈندىكى تۆت سائەتلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەنلەر جەمئىي 500 ئادەمدىن ئاشتى.

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى