تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۆز ئارا ھەمدەم بولىدىغان قېرىنداشلىق مېھرى

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلار تيەن خۇيچاۋ، لى شۈنيىڭ خەۋىرى): بىر قېتىملىق «تۇغقانلىشىش»تىن ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ رىشتى باغلىنىپ، ئۇلار ئارىسىدىكى «قېرىنداشلىق مېھرى» قەلبلەرنى ئىللىتتى.

جوۋ چاۋ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ قەشقەر شىمالىي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى، ئەيسا مۇسا سابىق شىنجاڭ سەرەڭگە زاۋۇتىنىڭ پېنسىيونىرى ئىدى. ئۇلار 2018-يىلى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، «قېرىنداشلار»لارنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ھېكايىسى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاندى.

ئەيسانىڭ نەزەرىدە جوۋ چاۋ ناھايىتى ئەستايىدىل ئىدى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئەيسانىڭ تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس، خوتۇنىنىڭ خىزمىتىمۇ مۇقىم ئەمەس بولۇپ، ئوغلى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيتتى، ئائىلىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، ئەيسا ھەركۈنى سانجىدىكى بىر سۈت فېرمىسىدىن يېڭى سۈت سېتىۋېلىپ ئولتۇراق رايوندا ساتاتتى، لېكىن سودىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى. بەزىدە بىر كۈندە بىر نەچچە جىڭمۇ سۈت سېتىلمايتتى. «سۈت سېتىپ ئەسلىدىلا تۈزۈك پۇل تاپقىلى بولمايدۇ، ساتالمىغان سۈتنى بالىلار ئىچىۋېتىدۇ ياكى تۆكۈۋېتىمىز، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بولىدۇ» دېدى ئەيسا ئەپسۇسلىنىپ.

جوۋ چاۋ ئەيسانىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دائىم ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ سۈت سېتىشىپ بەردى، ئەقىل-چارە ئۆگەتتى. «ئاكا، سۈت ساتقاندا يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىشىڭىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقىلى بولىدۇ» دېدى جوۋ چاۋ توۋلىغاچ «سۈتىمىزنى ئەتىگەندىلا سۈت فېرمىسىدىن ئەكەلگەن، تەبىئىي، سۇ قوشۇلمىغان...» سودا بارغانسېرى قىزىپ كەتتى. ھازىر تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بۇ «ئاكا-ئۇكا»نى كۆرۈپ قىزىققان ھالدا «بۇ سۈتنى قايسىڭلار سېتىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىسا، ئەيسا كۈلۈپ تۇرۇپ «ئىنىم بىلەن ئىككىمىز بىللە سېتىۋاتىمىز» دەيدۇ.

بۇ يىل 4-ئايدا، ئەيسانىڭ خوتۇنى خىزمەت ئىزدىمەكچى بولدى، ئەمما ئۇدا بىر نەچچە كۈن ئىزدەپمۇ مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىدى. جوۋ چاۋ بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ سۈرۈشتۈرۈپ، ئاخىرى تەۋەلىكتىكى بىر خوجىلىق شىركىتىدىن خىزمەت تاپتى. جوۋ چاۋ بۇ خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ ئاكىسى ۋە يەڭگىسىگە يەتكۈزۈپ: «بۇ خوجىلىق شىركىتى ئۆيگە يېقىن، خىزمەت مۇھىتى ياخشى، ئەستايىدىل بولسىڭىزلا خىزمەتنى چوقۇم ياخشى ئىشلەپ كېتەلەيسىز» دېدى. جوۋ چاۋنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ناھايىتى خۇشال بولدى، ئەيسا جوۋ چاۋنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «بۇ ئىككى يىلدا بىزگە كۆپ ياردەم قىلدىڭىز، سىزدەك قېرىندىشىم بولغىنى بەك ياخشى بولدى» دېدى.

بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جوۋ چاۋ ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتماقچى بولدى، ئەيسا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى قىيمىدى. جوۋ چاۋ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىمىز كۆرۈشۈشىمىزنىڭ ئازلىشى سەۋەبلىك سۇسلىشىپ قالمايدۇ، ئەكسىچە دېرىزە تەكچىسىدىكى گۈلگە ئوخشاش، بارغانسېرى رەڭدار ئېچىلىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى