تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇقرالار بازىرى: يايما ئىگىلىرىنى خۇشال قىلدى، شەھەر ئاھالىلىرىگە نەپ يەتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، يۈ شى، جاۋ يۆ

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شەنبە. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ - كىچىك كوچا بازارلىرى، پۇقرالار بازارلىرى جانلىنىپ كەتكەنىدى، بىر ھەپتە ئالدىراش ئۆتكەن كىشىلەر ئۆيىدىكىلەرنى ئېلىپ، بازاردا ئەركىن - ئازادە مال سېتىۋېلىش پەيتىدىن بەھرىمەن بولدى. يايما ئىگىلىرى يېڭى مېۋە، كۆكتات قاتارلىق تۈرلۈك تاۋارلارنى بالدۇرلا تەييارلاپ، قىزغىن خېرىدار چاقىرماقتا ئىدى.

«سىزگە لازىم نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە بار، مۇھىمى باھاسىمۇ ئەرزان!» سائەت 12دە، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمېن پۇقرالار بازىرىدا، شەھەر ئاھالىسى لى شيۇفاڭ تۇخۇم تاللاۋاتاتتى. يېقىندا قۇرۇلغان بۇ بازار تىلغا ئېلىنغاندا، لى شيۇفاڭ باش بارمىقىنى چىقاردى.

لى شيۇفاڭنىڭ قولىدىكى خالتىنىڭ بارغانسېرى توشۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن يايما ئىگىسى ۋۇ فېڭيىڭنىڭ چېھرىدىن كۈلگە ياغدى. ۋۇ فېڭيىڭنىڭ ئۆيى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى تەۋەلىك رايونىدا بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كىرىمى يۇقىرى بولمىغاچقا، ئىزچىل يايما ئېچىپ ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلاپ كەلگەنىدى. لېكىن مۇۋاپىق جاي بولمىغاچقا، ئۇنىڭ بۇ ئويى ئىزچىل ئەمەلگە ئاشمىغانىدى.

«شياۋشىمېندا پۇقرالار بازىرى ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئېرىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، دەرھال تىزىمغا ئالدۇردۇق. ھازىر ئىككىمىزدىن بىرىمىز مال كىرگۈزۈپ، بىرىمىز سېتىپ، كۈنىگە 200 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىۋاتىمىز، روھىي كەيپىياتىمىز بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ كەتتى!» گېپىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا، ۋۇ فېڭيىڭ يەنە خېرىدارلارنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ياندىكى پېچىنە - پىرەنىك يايمىسىدا، يېڭى پېتىچە ساقلاش يوپۇقى بىلەن يېپىلغان بولسىمۇ مەززىلىك پۇراق دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. يايما ئېچىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىخابا ئالدى كوچا مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى مەۋلۇدە بەكرى ناھايىتى ئالدىراش ھەم خۇشال ئىدى.

«يايما ھەققى، باشقۇرۇش ھەققى قاتارلىق ھەقلەر بولمىغاچقا، بىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يۈكىمىز زور دەرىجىدە يېنىكلىدى. 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، تىجارىتىم كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى، ھازىر مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن تورتنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى پىشۇرغىلى، تېخىمۇ كۆپ ساتقىلى بولىدۇ دېگەننى ئويلاۋاتىمەن» دېدى مەۋلۇدە.

ئىگىلىنىشىچە، شىمېن پۇقرالار بازىرىدا يېمەكلىك، مېۋە، كۆكتات، كىيىم - كېچەك، ئۇششاق تاۋارلاردىن ئىبارەت تۆت رايون، 132 يايما ئورنى بار بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەردە يايما ئېچىپ سودا قىلىدىكەن.

شىمېن پۇقرالار بازىرىغا ئوخشاش ئاۋات بازاردىن يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بوغدا يولىغا جايلاشقان يايما بازىرىمۇ بار.

«ئۆتكەن - كەچكەنلەر قولدىن بېرىپ قويماڭلار، بۇنى يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى، باي ئائىلىلەر ئۈنچە - مەرۋايىت ساندۇقىنى قۇلۇپلاشقا ئىشلەتكەن، پەقەت 600 يۈەنگە سېتىلىدۇ، كىملا سېتىۋالسا زىيان تارتمايدۇ!» كۈن نۇرىدا مۇتەللىپ روزاخۇننىڭ يايمىسىدىكى، بىر نەپىس بېلىق شەكىللىك مىس قۇلۇپ يولدىن ئۆتكەن بىرنەچچە ئادەمنى جەلپ قىلدى.

بىر مېتىر كەڭلىكتىكى يايمىغا ھەر خىل ھەر ياڭزا لوڭقا، چەينەك قاتارلىق كونا بۇيۇملار تىزىلغان بولۇپ، كۆك گۈللۈك فارفۇرمۇ، ساپالدىن ياسالغانلىرىمۇ بار بولۇپ، يىللار تۇيغۇسىغا تولغانىدى.

«مەن ئىزچىل يىغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىمەن، ئۆيدىكى يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملار 20 نەچچە ساندۇققا يېتىدۇ، تىزىپ پاتقۇزغىلىمۇ بولمايدۇ. ھازىر يايما بازار بار بولدى، ئاخىر كارامىتىمنى كۆرسىتەلەيدىغان بولدۇم، كۆپچىلىك ياخشى نەرسىلىرىمنى كۆرۈپ باقسۇن!» دېدى مۇتەللىپ بىر فارفۇر لوڭقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۈرتكەچ.

بازار تىجارىتى دىرېكتورى ليۇ يىفەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يايما بازار 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تىجارەت باشلىغان بولۇپ، 250 كە يېقىن يايما ئورنى بار ئىكەن، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى بازارغا ئاۋۋال كىرىپ يايما ئاچسا بولىدىكەن، ھازىر ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدىكەن، يەنە ئاپتاپ توسۇش كۈنلۈكى، ئۈستەل - ئورۇندۇق قاتارلىقلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىنىدىكەن. بۇ يەردىكى نەرسىلەرنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولغاچقا، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ ناھايىتى قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپتۇ.

«كېيىنكى مەزگىلدە يەنە 100دىن ئارتۇق يايما ئورنىنى كۆپەيتىپ، تۆۋەن كىرىملىك قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بۇ يەردە تىجارەت قىلىشقا جەلپ قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بىللە، يەنە بازارنى جانلاندۇرۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ليۇ يىفەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى