تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇش

شۈ چىڭگۇاڭ

باش يازدا بارلىق مەۋجۇداتلار ھاياتىي كۈچكە تولدى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلدى، جەڭگە سۈيلەش يېڭى دۇمبىقى ياڭرىدى.

خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى «ئالتۇن - كۈمۈش»تىن پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كونكرېت نىشانى بېكىتىلمەسلىككىچە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى ياخشى تۇتۇشتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقىچە... ئالاھىدە يىلدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگەرمەسلىك داۋامىدا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتتى. بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، چوقۇم ئىككى يىغىننىڭ ساداسىنى ياخشى يەتكۈزۈپ، ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىككى يىغىننىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچى. «خەلق ھەممىدىن ئەلا» «ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا» «يىراقنى كۆزلەش ئاساسىدا ئىش كۆرۈش» «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» «ئىككى 1 تىرىليون» قاتارلىق ئىككى يىغىندىكى «قىزىق سۆز»لەردىن بىز خەلق ئۈچۈن قىزغىن خىزمەت قىلىشتەك ئەسلىي مەقسەتنى، قويۇق ساپ ھېسسىياتنى ھېس قىلالايمىز. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يىلتىزى ۋە جان تومۇرىنى ياخشى قوغداپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبكە پۈكۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرگەندىلا، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

ۋاقىت ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، تارىخ ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدىن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىن، ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ سۆزلىرىدىن ۋاقىت بىلەن بەسلىشىشتەك تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچلۈك ھېس قىلالايمىز. «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇشتىكى مىسلىسىز جاپالىق جەڭدە ۋاقىت ھاياتلىقتۇر؛ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، ۋاقىت ئۈنۈمدۇر؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، ۋاقىت بۇرغا ساداسىدۇر. مىڭ يىللىق ئارزۇ، يۈز يىللىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق پەيتكە كىردى، بىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، مۇۋەپپەقىيەت قىرغىقىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى