تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى، تۈرتكە بولۇندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ بازىسىدا باشتىن - ئاخىر ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش كۈچى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن كەسپىي خىزمەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، قوشۇننى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، شەكلىنى موللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلىنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سىجىل قۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ سىستېمىسىدا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل بەرپا قىلىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، كاپالەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مائارىپ سىستېمىسىدا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئىھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇشىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپلەردە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ دەل جايىدا، ئوقۇتۇشنىڭ تەرتىپلىك، مەكتەپ قورۇسىنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆ، شىنجاڭ تېببىي داشۆ، خوتەن ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى