تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بىر راكېتا ئىككى سۈنئىي ھەمراھ! چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتانىڭ 9 - قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشىدىكى ئۈچ چوڭ يارقىن نۇقتا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ جې

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سەھەردە، 4 - قېتىملىق «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى» يېتىپ كەلگەن پەيتتە، چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق قاتتىق يېقىلغۇلۇق توشۇغۇچى راكېتا غۇيۇلداپ ئۇچۇپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، «بىر راكېتا ئىككى سۈنئىي ھەمراھ» شەكلى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىككى دانە يېڭى تېخنىكا تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرگۈزدى. 2015 - يىلى 9 - ئايدا تۇنجى قېتىم ئۇچقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتا ئۇدا توققۇز قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 39 دانە سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا كىرگۈزدى، ئۇدا توققۇز قېتىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا ئوربىتاغا كىرىپ، دەل ۋاقتىدا قويۇپ بېرىلىپ، راكېتانىڭ ئاجايىپ ئىشەنچلىكلىكى، ۋەزىپىگە ماسلىشىشچانلىقى ۋە كۆپ خىللاشقان قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى.

قويۇپ بېرىش مەيدانلىرى كۆپ: «چوڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز»دىن ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ

چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتانى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى باش بولۇپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتالىرى ئىچىدىكى بىردىنبىر قاتتىق يېقىلغۇلۇق توشۇغۇچى راكېتا، ئۇنى ئوخشاش بولمىغان قويۇپ بېرىش مەيدانىدىن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ. راكېتانىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 21 مېتىرغا يېقىن، ئېغىرلىقى 58 توننا، ئۇچۇش ئىتتىرىش كۈچى 120 توننا، ئىككى مېتىرلىق ۋە 1.6 مېتىرلىق ئىككى خىل ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش قاپقىقى بار، 500 كىلوگىرام كېلىدىغان ئۈنۈملۈك توشۇغۇچنى 500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇياش ماس قەدەملىك ئوربىتىسىغا يەتكۈزەلەيدۇ.

«ئىلگىرىكى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىدە ئۈچ بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتانىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى پېڭ كۇنيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئۈچ بۆسۈش، يەنى تۇنجى قېتىم شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە راكېتا قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش؛ تۇنجى قېتىم دىيامېتىرى ئىككى مېتىرلىق ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش قاپقىقىنى ئىشلىتىش؛ تۇنجى قېتىم يېپيېڭى ئۇچۇرلاشقان قويۇپ بېرىش سۇپىسىنى قوللىنىپ قويۇپ بېرىش.

جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قۇرۇقلۇقتا قويۇپ بېرىش ۋە شەندۇڭ خەيياڭدىكى دېڭىزدا قويۇپ بېرىشتىن كېيىن، بۇ قېتىمقى چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتانى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تۇنجى قېتىم شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئىجرا قىلىنىپ، يېڭى قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ جۇغراپىيەلىك كەڭلىك، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىرقەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىرلەشمە مەشىق ۋە تۇنجى ئۇچۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، توشۇغۇچى راكېتانىڭ بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى تولۇق دەلىللەندى.

پېڭ كۇنيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دىيامېتىرى 1.6 مېتىر كېلىدىغان ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش قاپقىقىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە تۇنجى قېتىم دىيامېتىرى ئىككى مېتىر كېلىدىغان ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش قاپقىقى ئىشلىتىلىپ، سۈنئىي ھەمراھنى تېخىمۇ چوڭ ئىشلىتىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپ سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى. ئىككى سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشتە ئارقىمۇئارقا ئۇلاش ئورۇنلاشتۇرمىسى قوللىنىلغان، تۇنجى قېتىم قاتتىق يېقىلغۇلۇق توشۇغۇچى راكېتادا ئىچكى تىرەك قۇرۇلمىسى لايىھەلىنىپ، ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش قاپقىقى «loft قۇرۇلمىسى»دىن ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھنى ياخشى «ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى» ۋە «ئولتۇرۇش تەسىراتى» بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدە قوللىنىلغان يېپيېڭى قويۇپ بېرىش سۇپىسى يۈكسەك دەرىجىدە توپلاشتۇرۇلغان، يۈكسەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، مۇستەقىل قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. قويۇپ بېرىش نۇقتىسىنى جانلىق تاللاپ، قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىشنىڭ ئوربىتا بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئۆلچەش - سىناش سىستېمىسى قوللىنىلغان بولۇپ، قويۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى.

«بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتانىڭ قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقى ۋە كۆپ خىللاشقان قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى تولۇق دەلىللەندى، كەلگۈسىدە راكېتانىڭ يەنە دېڭىز، قۇرۇقلۇق پۈتۈن رايوندىن قويۇپ بېرىلىش ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيتىلىدۇ، چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتانى دۆلەت ئىچىدىكى ماسلىشىشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك توشۇغۇچى راكېتاغا ئايلاندۇرىمىز» دېدى پېڭ كۇنيا.

توختامنى ئورۇنداش ۋاقتى قىسقا: ئىسمى - جىسمىغا لايىق «تېز، ياڭراق، ئۇچقۇر راكېتا»

يېڭى بىر ئەۋلاد توشۇغۇچى راكېتا جەمەتى ئىچىدە، چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتانىڭ «تېز، ياڭراق، ئۇچقۇر راكېتا» دېگەن چىرايلىق نامى بار. تېخىمۇ مۇھىمى، پەن - تېخنىكا خادىملىرى قويۇپ بېرىش تەجرىبىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، «تېز راكېتا»نى بارغانسېرى تېزلەشتۈردى.

ئىلگىرى، چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتانى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ئاز دېگەندە يەتتە - سەككىز ئاي، ھەتتا بىر يىل كېتەتتى، ئەمما ھازىر ۋاقىت چېكى كەڭرەك بولغان ئەھۋالدىمۇ، بىر راكېتانىڭ قوللىنىشچانلىقىنى دەلىللەشتىن قويۇپ بېرىشكىچە پەقەت بەش ئايدىن كۆپرەكلا ۋاقىت كېتىدۇ.

«بۇ مۇشۇ تىپتىكى راكېتانى تەتقىق قىلىپ ياساش قوشۇنىنىڭ ئىزچىل تۈردە قاتتىق جىسىملىق توشۇغۇچى راكېتانى ۋەزىپىسىزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە پاراللېل لايىھەلەش تەپەككۇرى ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.» چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتانىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى جىن شىن مۇنداق دېدى: تەتقىق قىلىپ ياساش كوللېكتىپى راكېتانىڭ راكېتا گەۋدىسىنى ئومۇمىي قۇراشتۇرۇشنى ۋەزىپىسىزلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئۇچۇشنى كونترول قىلىش يۇمشاق دېتالىنى ۋەزىپىسىزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش ۋە ئۆلچەش - سىناق قىلىش ئۈنۈمىنىڭ ئۆسۈشى بۇنىڭدىن كېيىنكى چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتانىڭ يۇقىرى زىچلىقتا قويۇپ بېرىلىشىگە ئاساس سالدى. توختامنى ئورۇنداش ۋاقتى قانچە قىسقا بولسا، بازارنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ» دېدى جىن شىن.

بازىرى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ: «ئالەم بوشلۇقى مەخسۇس ئاپتوموبىلى»لىق ئورنىنى نامايان قىلىش

نۆۋەتتە، چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتا ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان سودا راكېتاسىغا ئايلىنىپ، بازاردا ھەقىقىي تۈردە سودا تۈسىنى ئالغان قويۇپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. كەلگۈسىدە تەتقىق قىلىپ ياساش قوشۇنى يەنە ھازىرقى ئاساستا بىر يېڭى تىپتىكى راكېتانى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان بولۇپ، توشۇش ئىقتىدارى ئىككى توننىغا يېتىدۇ.

«توشۇش ئىقتىدارى قانچە چوڭ بولسا، ھەر بىرلىك ئېغىرلىقتىكى ئۈنۈملۈك توشۇغۇچنى بوشلۇققا كىرگۈزۈش تەننەرخى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ، راكېتانىڭ تېجەشچانلىقى شۇنچە ياخشى بولىدۇ» دېدى چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتانىڭ باش قوماندانى لى تۇڭيۈ.

شۇ ۋاقىتتا، راكېتانىڭ قويۇپ بېرىلىش باھاسى خەلقئارا ئاساسىي ئېقىم قويۇپ بېرىش باھاسىنىڭ ئاران ئۈچتىن بىرىگە باراۋەر كېلىدىغان بولۇپ، كۈچلۈك خەلقئارا رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ھازىرلايدۇ، تۈرلۈك توشۇغۇچلارنى مەخسۇس، زاكازلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو چاڭجېڭ راكېتاسىغا تېخىمۇ كەڭ سودا بازىرى ئېچىپ بېرىدۇ.

لى تۇڭيۈ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تەتقىق قىلىپ ياساش قوشۇنى ئاساسىي توشۇغۇچنىڭ ئېشىنچا توشۇش ئىقتىدارى بار بولغان ئەھۋالدا، ئېلىپ مېڭىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، مەخسۇس كەلگۈسىدىكى ئېشىنچا توشۇش ئىقتىدارىنىڭ ئېچىلىشىغا كۆزنەك ئاچتى، جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى ھەر يېرىم يىلدا توردا چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتانىڭ ئېشىنچا توشۇش ئىقتىدارىنىڭ ئېلىپ مېڭىش پۇرسىتىنى يېڭىلىدى.

«ئالەم بوشلۇقى مەخسۇس ئاپتوموبىلى»لىق ئورنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نامايان قىلىدىغان بۇ خىل ئۇسۇل چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خېرىدار تېپىپ بەردى. 2018 - يىلى 3 - قېتىم قويۇپ بېرىلگەندىن باشلاپ، چاڭجېڭ 11 - نومۇرلۇق راكېتا «مەخسۇس ئاپتوموبىل، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىجارىگە ئالغان ئاپتوموبىل» قاتارلىق ئەندىزىلەرنى قوللىنىپ، كىچىك سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ كۆپ خىللاشقان قويۇپ بېرىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

«ئەمدى بىز راكېتانىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. كەلگۈسىدىكى توشۇغۇچى راكېتانى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش، توشۇغۇچى راكېتانىڭ تېجەشچانلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە ئاساس سالىمىز» دېدى لى تۇڭيۈ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى