تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جا ۋېنيې) «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ مۇھىم رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دا ئاساسىي قانۇن ئاساس قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەت توغرىسىدىكى زور سىياسەت - فاڭجېنلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»دە چىڭ تۇرۇش، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تەلىپىنىڭ مۇھىم مىزانى. يولغا قويۇلغان 15 يىلدىن بۇيان، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇستەھكەم قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تۆۋەن چېكىمىزگە ئېغىر خىرىس قىلدى، جەزمەن قەتئىي توسۇپ زەربە بېرىش كېرەك. دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن بىر جۇڭگوغا تەۋە. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلىرى قانداق «مۇستەقىللىق» نەيرىڭى ئىشلىتىشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى قانۇنسىز، ئىناۋەتسىز؛ ئۇلارنىڭ قانداقلا ئۇرۇنۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى بىكار ئاۋارە بولغانلىق؛ ئۇلارنىڭ چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن قانداق تىل بىرىكتۈرۈپ ئويۇن قويۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك تارىخ ۋە قانۇنىي پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تۇيۇق يول، قانۇن بىلەن ئويناشقانلار جەزمەن قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە ئورتاق قارشى تۇرۇشى، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەت باشتىن - ئاخىر تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئىتى، بەخت - سائادىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىقى ئۈچۈن پائال شارائىت يارىتىپ بەردى. كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ھەقىقىي جۇڭگولۇقلاردىن بولۇپ، تەيۋەننىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى ئورنى ۋە رولى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنىڭ يوشۇرۇن يامان غەرىزىنى ئېنىق تونۇپ، مىللىي ئادالەتتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى شەكىل. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. بىز تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق يارىتىشنى خالايمىز، لېكىن بىز ھەر خىل شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە ھەرگىز ھېچقانداق بوشلۇق قالدۇرمايمىز. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بوشاشماي تىرىشىپ، مىللىي ئادالەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن رىياسەتچىلىك قىلدى. شۈ چىلياڭ، ياڭ جيېچى، يوۋ چۈەن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ جيېيى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە سەنموۋبۇسىنىڭ سەنموۋجاڭى لى زوچېڭ، جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شياڭگاڭ باش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ياۋ جىشېڭ سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھەم بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

شۇ كۈنى جۇڭگو پوچتا ماركىسى توپلاش باش شىركىتى «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە كونۋېرتىنى تارقاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى