تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش

تەھرىر ئىزاھاتى

2014 - يىلى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتتى. ئالتە يىلدىن بۇيان، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى تاپشۇرۇقنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتتى. بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىز «باش شۇجىغا دوكلات· 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى ئالتە يىل» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە بارلىققا كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى جانلىق نامايان قىلىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

كەچ كىرىشى بىلەن خوتەن كەچلىك بازىرى يەنە قىزىپ كەتتى.

سارغىيىپ پىشقان يۇلغۇن كاۋاپ، قېتىق ئارىلاشتۇرۇلغان تاتلىق زۇڭزا، چوغدا پىشۇرۇلغان مەززىلىك تۇخۇم قاتارلىق ھەر خىل مەززىلىك تائاملار جاي - جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى جەلپ قىلدى، ئۇلار بۇ ئارامبەخش «كېچىلىك ئاشخانا»غا بەس - بەستە قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار بىلەن ئىشتىھاسىنى قاندۇرۇپ، كۆڭۈللۈك گۈزەل كېچىلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولدى. بۇ 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ مەنزىرىسى.

...

ئىناقلىق، گۈزەللىككە تولغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئارقىسىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدە يىراقنى كۆزلىگەنلىكى مۇجەسسەملەنگەن. «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى». 2014 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

نىشان يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، نىشان كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. ئالتە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشتى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا يۇرت - ماكان ئامان - ئېسەن بولۇپ، قىياپەت يېڭىلاندى.

باش نىشان −

شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمىتىدە كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك

2014 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر رىشتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازار قەشقەردىن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىگىچە، ئۇ خەلق تۇرمۇشى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، تەرەققىيات ئۈستىدە توختالدى، تۆت كۈنلۈك سەپەردە ناھايىتى ئالدىراش ئۆتتى. «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.» «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك»... باش شۇجىنىڭ قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

بىر ئايدىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلغان 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، تۈپ تەلىپى، ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇلۇغ يېڭى مۇساپە ئېچىپ بەردى.

باش نىشان باش يېتەكچى، بايراق، يۆنىلىش.

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالتە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باشتىن - ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، مىللەت - دىن، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق بارلىق خىزمەتلەرنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلىدى، ئالغا سىلجىتتى.

ئالتە يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.

ئالتە يىلدىن بۇيان، بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاپ كەلگەن شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قەيسەرانە ئېلىشىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئۇدا 41 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى، ئامانلىق دېلولىرى، بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلولىرى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

تۈپتىن تۈزەش −

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان تۈزۈش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش

«ۋاڭ شۇجى، ئارپىبەدىيان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش بەك ۋاقتىدا بولدى، بۇ يىل ئائىلىمىز 32 مو ئارپىبەدىيان تېرىغانىدى، بەك ياخشى ئاينىدى، سىلەرگە كۆپ رەھمەت.» 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازىرى يىلتىزلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەركىن مامۇت ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋاڭ شۈۋۇنى كۆرۈپ، يېنىش - يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتتى.

كەنتتە تۇرغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ۋاڭ شۈۋۇ بىلەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئاممىنى تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، يۇرتداشلار ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ھەل قىلىپ، ياخشى سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، خەلق رايىنى ئۇتۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشكە ئاساس سېلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

ئالتە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، تۈپ خاراكتېرلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى بىر - بىرلەپ پۇختا ئىشلىدى.

− تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئاتتى. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئىدېئولوگىيەنى پۇختا تۇتۇپ، ئىدىيە بازىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى.

− «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتنى تەڭ تارتىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتى.

− «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەتتە تۈركۈمدە جەمئىي 490 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كادىرنى كەنتتە تۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، كەنت (مەھەللە)تە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كەڭ كادىرلار ئىسلاھات، تەرەققىيات ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە ساداقەتمەنلىكى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى قوشتى.

...

كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇزاققىچە نەتىجە يارىتىش كېرەك. بىر قاتار پۇختا بولغان ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرلىرى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

ئۇزاق كەلگۈسىگە پايدا يەتكۈزۈش −

مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت خەلقى خاتىرجەم ياشىدى

قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا، توردا ئالقىشلانغان جەزمەن بېرىش نۇقتىسى «گۈلىنىڭ ئۆيى» بېزىلىپ يېپيېڭى تۈسكە كىردى، ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنا رەڭدار بېزەلگەن بولۇپ، پۈتۈن ھويلىنى جۇلالاندۇرغانىدى.

«بۇ بىرنەچچە يىلدا قەشقەرگە ساياھەتكە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇ يىل مەن بۇ يەرنى پۇقراۋى قونالغۇغا ئۆزگەرتىپ، ئالتە ئېغىز ياتاق كۆپەيتتىم» دېدى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى «گۈلىنىڭ ئۆيى»نىڭ ئىگىسى سالامەتگۈل قارى خۇشال ھالدا.

2017 - يىلى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، «گۈلىنىڭ ئۆيى»نىڭ سودىسى ئىزچىل ياخشى بولدى. سالامەتگۈلنىڭ 3000دىن ئارتۇق ئۈندىدار دوستى بار، دوۋيىن سۇپىسىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق تورداشنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«ئومۇمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىكى ئىش پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش نىشانىدۇر.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇقىملىقنى قوغداش ئارقىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئالتە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى. مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشىدى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

2017 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەل بۆسۈپ ئۆتۈلۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%7.6 ئاشتى. 2018 - يىلى، 2019 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئېشىش سۈرئىتى %6تىن يۇقىرى بولۇش ساقلاپ قېلىندى. ساياھەتچىلىكتە تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىندى، 2014 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 50 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتمەيتتى، 2019 - يىلىغا كەلگەندە 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، شىددەتلىك ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا) رايونى بەينياۋخۇ كۆلى 2 - نومۇرلۇق تۆپىلىكتە، جەمئىي 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان «ئامېرون خىيالىي باغچىسى» تۈر قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

بۇنداق چوڭ مەبلەغ سېلىش تۈرى نېمە ئۈچۈن شىنجاڭغا ماكانلىشىدۇ؟ جىنماۋ گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى، «ئامېرون خىيالىي باغچىسى»نىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى چېن يىمىن بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق جاۋاب بەردى: «شىنجاڭ ياخشى جاي، شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە بىزنىڭ ئىشەنچىمىز كامىل!».

شىنجاڭغا ئىشەنچ قىلىش، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش دەل شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى.

بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تاماملىنىدىغان يىل، جاراڭلىق بۇرغا كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى