تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لەن خۇي: ئاممىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكتى

لەن خۇينىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چېڭدۇ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر ۋۇ شياۋيىڭ) بىخەتەرلىك ۋە قاتناشقا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم بولغان ئۈچ يىلدا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈردى، ئاپتوموبىلدىن ھەر دائىم ھەربىيلەر چاپىنى، يامغۇرلۇق سايمانلىرى، ئوزۇق - تۈلۈكنى ئايرىمىدى، ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوپېراتسىيە قىلىنسىمۇ، خىزمەتنى ئەستىن چىقارمىدى، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە يەنە قاتناش قۇرۇلۇشى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش نەق مەيدانىدا كۈرەش قىلدى − ئۇ دەل لەن خۇي بولۇپ، ئاددىي، ئەمما ھەر ۋاقىت خەلقنى كۆڭلىگە پۈككەن ئاساسىي قاتلام كادىرى.

لەن خۇي سىچۇەن ئۆلكىسى ميەنياڭ شەھىرىنىڭ بېيچۈەن چياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى چۈشەن بازىرىدىكى بىر ئاددىي خۇيزۇ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1992 - يىلى 10 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئىلگىرى بېيچۈەن ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى، تۇڭكۇ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن ھاكىم قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

2013 - يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، لەن خۇي يېزا - بازار يوللىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈۋاتقاندا بەختكە قارشى ياردىن چۈشۈپ كېتىپ، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى. شۇ يىلى ئەمدىلا 48 ياشتا ئىدى. 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيچۈەندە سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، 1000دىن ئارتۇق كادىر، ئامما ئۆزلۈكىدىن دەپنە ئىدارىسىگە بېرىپ، ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇزىتىپ قويدى.

خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، لەن خۇي باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى قەلبىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويغان، ئۇ ھەر ۋاقىت «يا ئوقى كىرىچتە تۇرغاندەك» خىزمەت ھالىتىنى ساقلاپ، ئۆزىنى ئۇپىراتسىمۇ، خىزمەتنى ئاقسىتىپ قويمىغان. ۋېنچۇەندىكى پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇشتا، ئۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، قازا قىلغان ئۈچ تۇغقىنىنى ئىزدەشكە ۋاقىت ئاجرىتالماي، كەينى - كەينىدىن «ھاياتلىق لىنىيەسى»نى راۋانلاشتۇرۇشنى تەشكىللىگەن؛ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتا، ئۇ قاتناش - تىرانسپورت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ جاپالىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئاممىنىڭ «خاتىرجەم يول»دا مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بېيچۈەندە ئۈچ يىل ئېغىر، زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈزبەرمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرغان.

لەن خۇينىڭ خىزمەتدىشى چېن گوشىڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، لەن خۇي بەزىدە بىر كۈندە ئاران ئىككى - ئۈچ سائەتلا ئارام ئالاتتى، چارچىغاندا، ئۇيقۇسى كەلگەندە ئاپتوموبىلدا بىردەم يېتىۋالاتتى. بويى 1.72 مېتىر بولسىمۇ، ئېغىرلىقى 60 كىلوگىرامغا يەتمەيتتى، ئۇنىڭدا بوۋاسىر، مەقەت ئاقمىسى كېسىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ناھايىتى ئېغىر ئاشقازان كېسىلى، جىگەر كېسىلى بار ئىدى.

«ئادەم ئۆزىنىلا ئويلىماسلىقى، باشقىلارنى كۆپرەك ئويلىشى كېرەك.» بۇ لەن خۇينىڭ غايىسى بولۇپ، مەيلى ئادەم بولۇشتا ياكى ئەمەلدار بولۇشتا بولسۇن، ئۇ بۇنىڭغا ئەمەل قىلغان. ئۇ ھەمىشە ئاممىنىڭ ئىشىنى چوڭ ئىش دەپ قاراپ پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەن، كىشىلەر لەن خۇي قىشتىكى ئوتقا ئوخشايدۇ، نەگىلا بارسا شۇ يەرنى ئىللىتىدۇ، دېيىشەتتى. كۆپ يىلدىن بۇيان، لەن خۇي باشتىن - ئاخىر ئاممىنى تۇغقىنىدەك كۆرۈپ كەلگەن، بېيچۈەندىكى نۇرغۇن ئامما لەن خۇينىڭ تېلېفون نومۇرىنى پىششىق بىلەتتى، ئامما قىلغان بىر تېلېفوننىمۇ ئۇ كۆڭلىدە ساقلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 200گە يېقىن تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قىلغانىدى.

لەن خۇي كېتىپ قالدى، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ، يۇرتىنىڭ تاغ ۋە يوللىرىنى كېزىپ چىقتى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى. بەينى يېزىسىدىكى زەنجىر كۆۋرۈك بۇ مۇنەۋۋەر سىفەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆز ئىختىيارىي بىلەن چەت - ياقا رايونغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش سەپىرىنى ئېسىدە ساقلىۋالدى؛ لېيگۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پاكار پارتىلار بۇ ياش ئوقۇتقۇچىنىڭ يېرىم كېچىگىچە تاپشۇرۇق تەكشۈرگەن ھارغىن ھالىتىنى ئېسىدە ساقلىۋالدى؛ ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ئىشخانىسى بۇ ئوت يۈرەك ئىتتىپاق كادىرىنىڭ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرۇش ئۈچۈن قىلغان 1000دىن ئارتۇق تېلېفۇنىنى ئېسىدە ساقلىۋالدى...

قەھرىمان ۋاپات بولغان بولسىمۇ، روھى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. لەن خۇي خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» «مەملىكەت بويىچە خەلق رازى بولغان مەمۇر» «مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملار تولۇقلاپ بېرىلدى. بېيچۈەن ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيەدىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا يولداش لەن خۇينى ئۈلگە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، «لەن خۇيدىن ئۆگىنىپ، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش، ئاممىنىڭ ياخشى سىردىشى بولۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، لەن خۇي ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغى تەسىس قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى