تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ ئالتۇنتاغ تونېلىدا رېلىس ياتقۇزۇپ بولۇندى

5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئىشچىلار ئالتۇنتاغ تونېلى ئىچىدە رېلىس ياتقۇزماقتا. شۇ كۈنى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى)دىكى ئەڭ ئۇزۇن تونېل − ئالتۇنتاغ تونېلىدا رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسى تاماملاندى.

(چېن جيەنفېي فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر مۇ جىپېڭ خەۋەر قىلىدۇ: قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئۈچ يېرىم يىل جاپالىق جەڭ قىلىشى ئارقىلىق، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى(شىنجاڭ بۆلىكى)دىكى ئەڭ ئۇزۇن تونېل − ئالتۇنتاغ تونېلىدا رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسى تاماملاندى.

ئالتۇنتاغ تونېلى چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 13 مىڭ 195 مېتىر كېلىدۇ، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدىكى نۇقتىلىق كونترول قىلىش خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ تونېل ئېگىزلىكتىكى ئېگىز ھەم سوغۇق چۆللۈكتىكى ئادەمسىز رايونغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3500 مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 2.5 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ سوغۇق تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 37 سېلسىيە گىرادۇس. ئالتۇنتاغ تونېلى شېغىلسىز يول قىنى قىلىپ لايىھەلەنگەن، يانتۇلۇقى ‰16لىك دۆڭ يول بولۇپ، يەككە لىنىيەلىك تونېل ئېرىقى، كابېل ئوقۇرى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، ھازىرقى قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرى، ھۈنەر - سەنئىتى ۋە مەشغۇلات بوشلۇقى تەلەپنى قاندۇرالمايدۇ، بۇ، شىنجاڭ بۆلىكىدە رېلىس ياتقۇزۇش باشلانغاندىن بۇيانقى يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان «قاتتىق قىيىنچىلىق» بولدى.

«بىز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، رېلىس ياتقۇزۇش پويىزىنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا يۆگەش ماشىنىسى ئورنىتىش، كۆۋرۈك سېلىش ماشىنىسىنىڭ ئۈستىگە تۇلۇق قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىش ئارقىلىق، ئۇزۇن رېلىسنى رېلىس ياتقۇزۇش پويىزىدا كۆۋرۈك سېلىش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن قاچىلاش ماشىنىسىدا بىر قېتىمدىلا توشۇپ، جايىغا ئاپىرىپ، ئالتۇنتاغ تونېلىدا رېلىس ياتقۇزۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول 1 - ئىدارىسى شىنيۈن شىركىتى گولمۇد - كورلا تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى خۇاڭ كېجۈن.

گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 708 كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان 3 - تۆمۈريول، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى مۇھىم تۆمۈريول تورى غول لىنىيەسى ۋە شىنجاڭدىكى «ئۇزۇنسىغا تۆت، توغرىسىغا تۆت» تۆمۈريول ئاساسىي رامكىسىنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر 656.2 كىلومېتىر رېلىس ياتقۇزۇپ بولۇندى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن كۈنىگە 1.5 كىلومېتىر رېلىس ياتقۇزۇش سۈرئىتى بىلەن ئالغا سىلجىتقاندا، 7 - ئايدا شىنجاڭ بۆلىكىدە رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، 10 - ئايدا قاتناش باشلاش شارائىتى ھازىرلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ياسىلىۋاتقان ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ ئالتاي - كۆكتوقاي بۆلىكىدە 84.3 كىلومېتىر رېلىس ياتقۇزۇپ بولۇندى، 8 - ئاينىڭ ئاخىرى رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى؛ خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا 37 كىلومېتىر رېلىس ياتقۇزۇپ بولۇندى، كېلەر يىلى 4 - ئايدا رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسى تاماملىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى