تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى ئوبلاستى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شى، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ مىڭرۇ خەۋىرى): 5- ئاينىڭ 7- كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۈن بازىرىغا جايلاشقان فېڭچۈەن پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش تۈرىدە جىددىي مەشغۇلات قىلىنىۋاتاتتى، بۇ تۈرگە 49 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 7- ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۆلچەرلەندى.

  ئىگىلىنىشىچە، فېڭچۈەن پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىردىنبىر زاۋۇت بولۇپ، 71 مىڭ نوپۇسنى قاپلايدىكەن. پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنى ئۆزگەرتىش تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ 1-دەرىجىلىك A قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلۈپ، كۈندىلىك پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئىلگىرىكى 11 مىڭ كۇب مېتىردىن 15 مىڭ كۇب مېتىرغا ئۆستۈرۈلۈپ، يىلىغا تەخمىنەن 12 مىڭ توننا COD ئاز قويۇپ بېرىلىدىكەن.

  ھازىر، گۇچۇڭ ناھىيەسى شەھەر ـ بازارلاردىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۇلىرى ۋە سانائەت پاسكىنا سۇلىرىدىن قايتا پايدىلىنىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزگەن، ھەر كۈنى تەخمىنەن 7000 كۇب مېتىر بىر تەرەپ قىلىنغان سۇ باخۇدى سۇ ئامبىرىغا قۇيۇلۇپ تىندۇرۇلغاندىن كېيىن، شىمالدىكى چۆللۈك ئېكولوگىيەلىك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى تولۇقلاپ سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئومۇمىي سۇغىرىش كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستىنىڭ پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. پۈتۈن ئوبلاستتىكى ناھىيە، شەھەرلەر، باغچە رايونلىرىدا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن 15ى، ئوتتۇراھال سۇ ئامبىرىدىن 10ى قۇرۇلۇپ، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى%100كە يەتتى، ئوبلاست بويىچە شەھەر ـ بازارلاردىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى مەركەزلىك يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قۇتۇبى ناھىيەسى ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش تۈرىنى داۋاملاشتۇرغاندىن سىرت، قالغان ئالتە ناھىيە، شەھەرنىڭ ھەممىسى 1- دەرىجىلىك A قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يەتتى؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى توققۇز باغچە رايونىنىڭ پاسكىنا سۈيىنى مەركەزلىك يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى ھەمدە 1- دەرىجىلىك A قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاچا-سىڭىللار
  • گۈزەل شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلدى
  • چىرايلىق كىيىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش