شىنخۇا تورى خەۋىرى: مېڭليەن ناھىيەسى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، غەرب بىلەن جەنۇب تەرىپى بېرما بىلەن تۇتىشىدۇ، مېڭليەننىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بۈك-باراقسان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغاچقا، ئەزەلدىن «چېگرادىكى يېشىل ياقۇت» دېگەن گۈزەل نامى بار. 5-ئايدا مېڭليەندىكى دېلونىكس دەرىخىنىڭ قىپقىزىل گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، مېڭليەننىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنى زىننەتلەپ، «چېگرادىكى يېشىل ياقۇت»قا تۈس قوشتى. شىنخۇا تورى تارقاتقان (لېي شياۋيۆ فوتوسى، نيەن شىنخۇڭ خەۋىرى)
مېڭليەن كوچىسىدا پورەكلەپ ئېچىلغان دېلونىكس گۈلى (5-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).