تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىككى ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى مەركەز خامچوت مەبلىغى ياردىمىگە ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن خۇڭفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يەن خەۋىرى): 5- ئاينىڭ 25- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 5- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئاپتونوم رايون مەركەز خامچوتىدىن 600 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، باي ناھىيەسىنىڭ ئارىشاڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تېرەن دەرياسى ئويمان سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن، ئىككى سۇ ئامبىرىغا ئايرىم ـ ئايرىم 300 مىليون يۈەن نەقلەشكەن.

  باي ناھىيەسى ئارىشاڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى باي ناھىيەسىنىڭ تېرەك بازىرى تەۋەسىدە بولۇپ، 1 مىليارد 350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 54 مىليون كۇب مېتىر، سۇ ئامبىرىنىڭ ئەڭ چوڭ توسمىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرى 102.5 مېتىر، نورمال سۇ ساقلاش ئورنى 1900 مېتىر، 3- دەرىجىلىك ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىغا تەۋە، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 24 مېگاۋات بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، توك چىقىرىش، سۇغىرىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمگە ئىگە، قاپسىلاڭ دەرياسى ۋادىسى سۇغىرىش رايونىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك سۇ قىس بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، كەلكۈن خېيىم-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، كەلكۈن ئاپىتىنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە تۆۋەن ئېقىندىكى باي سانائەت رايونىنى سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  ئونسۇ ناھىيەسى تېرەن دەرياسى سۇ ئامبىرىغا جەمئىي 1 مىليارد 355 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، سۇغىرىش ۋە يەر ئاستى سۇ ئامبىرىنى تولۇقلاشنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى