تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مول ھوسۇل ھۇزۇرى

  5- ئاينىڭ 28- كۈنى، كومبايىن ۋاڭ شيۇچىن ئائىلىسىنىڭ بۇغدايلىقىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى جۇمادىيەن شەھىرى شىنچا ناھىيەسى لىچياۋ خۇيزۇ بازىرى شىزىكوۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شيۇچىن ئائىلىسى بۇغدايدىن ھوسۇل ئېلىشقا باشلىدى، ئۇ ئەتىگەندىلا ئالدىراش بولۇپ، بۇغدايلىقتا جاپالىق ئىشلەۋاتقان بالىلىرىغا مەززىلىك موما تەييارلىماقتا ئىدى.

  ھازىر شىزىكوۋ كەنتىنىڭ ئېتىزلىقى ئالتۇن رەڭگە تولدى. ۋاڭ شيۇچىننىڭ ئىككىنچى ئوغلى شى جيەنجۇڭ ئېتىز بويىدا يۇرتداشلىرى بىلەن بۇ يىلقى بۇغداي ئورۇش توغرىسىدا پاراڭلاشقاچ، يىراقتا مەشغۇلات قىلىۋاتقان كومبايىننى كۆزەتتى.

  چۈشتە، ۋاڭ شيۇچىن تەييارلىغان موما قازاندىن چىقىشى بىلەن، مەززىلىك پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، خۇشال-خۇرام ھالدا غىزالاندى. ئەتىگەندىن بېرى ئالدىراش ئىشلىگەن ۋاڭ شيۇچىن نەۋرىلىرىنىڭ ھۇزۇرلىنىپ موما يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. «ھازىر كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇغداي مومىسىنى قاچان يېگۈمىز كەلسە شۇ چاغدا يەيمىز.» دېدى ۋاڭ شيۇچىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  تۆت ئەۋلاد بىللە تۇرىدىغان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇغداي ئورۇلغان تۇنجى كۈنى مول ھوسۇل ھۇزۇرىدىن تەڭ بەھرىلەندى.

 5- ئاينىڭ 28- كۈنى، ۋاڭ شيۇچىننىڭ ئىككىنچى ئوغلى شى جيەنجۇڭ ئېتىز بويىدا كومبايىننىڭ مەشغۇلاتىنى كۆزەتمەكتە.

5- ئاينىڭ 28- كۈنى، ۋاڭ شيۇچىننىڭ ئىككىنچى ئوغلى شى جيەنجۇڭ (ئوڭدا) بۇغدايدىن ھوسۇل ئالدى.

ۋاڭ شيۇچىننىڭ ئىككىنچى كېلىنى جېڭ فېنيىڭ 5-ئاينىڭ 28-كۈنى يېڭى بۇغداينى ئادالىماقتا.

5- ئاينىڭ 28- كۈنى، ۋاڭ شيۇچىن تەييارلىغان موما پىشتى.

5- ئاينىڭ 28- كۈنى، ۋاڭ شيۇچىن بىر ئائىلە كىشىلىرى غىزالانماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جيانەن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى