تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2019 - يىلى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، قوشۇننى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم، يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي ئاڭنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى بۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ئاممىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىش كېرەك. خىزمەت ئورنىنى توغرا تېپىپ، مەركەزنى چۆرىدەش، قوشۇن قۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسپىي خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش جەھەتتە ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، يولغا قويۇش داۋامىدا ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى تارماقلاردىكى پارتىيە گۇرۇپپا(پارتىيە كومىتېتى)لىرى ۋە ئورگاندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دىققەتنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىگە پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، كوللېكتىپ چاقىرىق ئىقتىدارى ۋە كادىرلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ھەقىقىي نامايان قىلىش كېرەك.

يىغىندا 2019 - يىللىق ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى پارتىيە گۇرۇپپا (پارتىيە كومىتېتى)لىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى