ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى">
تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ياخشى تەدبىر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىن، بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن، بىر قېتىملىق ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىدىغان يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى ئەزالار گۇرۇپپىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، بىرلىكتە ياخشى تەدبىر ئۈستىدە ئىزدەندى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى پۇختا تولۇق ئادا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۆپچىلىك دۆلەت قاتلىمىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇشنى بىردەك قۇۋۋەتلىدى ھەم قوللىدى. يىغىننىڭ ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا، نەتىجىسى مول، ئەزالارنىڭ مۇزاكىرىسى قىزغىن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىيە شەكلى بولۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئىشەنچنى ئاشۇردى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، غەيرەتنى ئۇرغۇتتى.

قىلىپ ئەھيا بۇ مەنزىرىنى ياشلىقى - زېھنى بىلەن، پۈتۈپ چىقتى دۇنيا ئىشىنى مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن. ئۇزاق مۇددەت جاپالىق ئىزدىنىش ۋە بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ، تىز پۈكمەي، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا يولغا چىقىش سەپەرۋەرلىكىدۇر. بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا شۇنچە تولغان بولىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنى كۈچلۈك كونترول قىلىشتەك ئۇلۇغ كۈرەش ئەمەلىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمى، دۆلىتىمىز دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى ھەم ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئەۋزەللىك ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولسىلا، چوقۇم بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلالايدۇ.

ئومۇمنىڭ كۈچى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ قىلغان ئىش چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغانلىكى بارلىق كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنلىرى ھەم مەركەزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىر ۋە ئاڭلىق ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، مەۋقەنى چوڭ ۋەزىيەتكە قويۇپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەدبىر - تەكلىپلەردە ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىق، مەشغۇلاتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ھەر ساھە ئاممىنى ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ۋە قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا ئىدراكىي مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىش كېرەك. تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ۋە تەدبىرنى يولغا قويۇش داۋامىدا كېڭىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتلاملىرى ئېنىق، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى مۇكەممەل، يۈرۈشۈشى راۋان بولغان سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەزالارنى بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بېغىشلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

كەلگۈسى ئىستىقبالىمىز پارلاق، جان تىكىپ كۈرەش قىلساقلا كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيمىز. بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئۇزۇن سەپەر مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور، بۇرچى شەرەپلىك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قەلبداش بولۇپ ئۇيۇشۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىز، پۇختا تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.